باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك پەن–تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك

2017.03.13 15:46   مەنبە: خەلق تورى

شى جىنپىڭ: ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك پەن–تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 12-مارت چۈشتىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئازادلىق ئارمىيە ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مەۋقەنى ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە پەن-تېخنىكا تەرەققىياتىغا قويۇپ، ۋەزىيەتكە قاراپ ئىش كۆرۈپ، پايدىلىق پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئىلگىرىلەپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈش تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى ماسلاشتۇرۇشتا يېڭىلىق يارىتىپ، ئارمىيە-خەلق پەن-تېخنىكا ئاساسىي ئامىلىنى بىرلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشتە يېڭىلىق يارىتىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىپ، ئارمىيەنى پەن-تېخنىكا ئارقىلىق قۇدرەت تاپقۇزۇشقا تېخىمۇ زور كۈچ سەرپ قىلىپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتا جەڭگىۋارلىققا ئىگە بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى قۇدرەتلىك پەن-تېخنىكا كاپالىتى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ تەكىتلەپ مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى ۋە مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەھبەرلىكىدە پۈتۈن ئارمىيە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇش نىشانىغا يېتىشنى چۆرىدەپ، ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، خىزمەتلەرنى چىڭ تۇتۇپ ئىشلەپ، دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيە ئىسلاھاتىدا تارىخىي خاراكتېرلىك بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، ھەربىي ئىشلار ئۇرۇش تەييارلىقىدا زور ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە ئۈستۈنلۈكنى ئىگىلەش ۋەزىيىتى شەكىللەندۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىدا يېپيېڭى ۋەزىيەت ياراتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پەن-تېخنىكا تەرەققىياتى ئىنسانلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىۋاتىدۇ، شۇنداقلا دۇنيا ھەربىي ئىشلار تەرەققىياتىنىڭ يۆنىلىشىگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىۋاتىدۇ. پەن-تېخنىكىنىڭ تېز تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، دۆلەتنىڭ ئىستراتېگىيەلىك رىقابەت كۈچى، ئىجتىمائىي ئىشلەپچىقىرىش كۈچى، ئارمىيەنىڭ جەڭگىۋارلىقىنىڭ باغلىنىش مۇناسىۋىتى بارغانسېرى كۈچىيىپ، دۆلەت مۇداپىئە ئىقتىسادى ۋە ئىجتىمائىي ئىقتىساد، ھەربىي تېخنىكا، خەلققە كېرەكلىك تېخنىكىنىڭ بىرلىشىشى بارغانسېرى كۈچەيدى. بىز تەخىرسىزلىك ئېڭىنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ زور ئىرادە ۋە سالماق بىلەن پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە ئىلگىرىلەشنى چىڭ تۇتۇپ ئىلگىرى سۈرۈشىمىز كېرەك.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزاق مۇددەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئىقتىسادىي ئەمەلىي كۈچى، پەن-تېخنىكا ئەمەلىي كۈچى زور دەرىجىدە ئېشىپ، بەزى مۇھىم پەن-تېخنىكا ساھەلىرىدە دۇنيانىڭ ئىلغار سەۋىيەسىگە يېتىپ، پەن-تېخنىكا ئارقىلىق ئارمىيەنى قۇدرەت تاپقۇزۇشقا پۇختا ئاساس سېلىندى. پەن-تېخنىكا ساھەسى، ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، تېخىمۇ تېزلىتىشكە شارائىتىمىز تامامەن يار بېرىدۇ. يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە ئىستراتېگىيەنى بىر تۇتاش ياخشى پىلانلاشنى، دۆلەت مۇداپىئە پەن-تېخنىكىسى ۋە قورال-جابدۇق جەھەتتە ئارمىيە ئېھتىياجى بىلەن خەلق ئېھتىياجىنى بىرلەشتۈرۈشنى، ئارمىيە بىلەن يەرلىك بىرلىشىپ ھەربىي ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشنى، تۈزۈلمە مېخانىزمى ۋە سىياسىي تۈزۈم ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئارمىيە قۇرۇلۇشىنى سۈپەت ئۈنۈمى تىپى ۋە پەن-تېخنىكا كۆجۈملەشكەن تىپقا ئۆزگەرتىشنى تېزلىتىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ۋەكىللەر ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى قانۇنىنىڭ تېزدىن تۈزۈلۈپ ئوتتۇرىغا چىقىرىلىشى توغرىسىدا …
    ·مەكتەپلەرنىڭ تەنتەربىيە مەيدان-سارايلىرىنى جەمئىيەتكە ئېچىۋېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك 
    ·ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇ…
    ·لى پېڭشىن شىنجاڭ يېزا ئىگىلىك ئۇنىۋېرسىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا، سوتسىيالىستىك مەكتەپ باشق…
    ·مالىيە مىنىستىرلىقى: شەھەرلەردىكى ئىشلەمچىلەر بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنتلەرنىڭ مائارىپ خىراجىتى «ئا…
    ·جەنۇبىي شىنجاڭدىكى تۇنجى «خەتتاتلىق سىنىپى» پۈتۈپ ئىشلىتىلىشكە باشلىدى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…