خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 13-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-مارت كەچتە، (CBA (2016-، 2017-يىللىق مۇسابىقە پەسلىدىكى يېرىم ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانما مۇسابىقىسىدە، شىنجاڭ قەشقەر قەدىمىي شەھەر كوماندىسى ئالدىنقى يېرىم مەيداندا ئىزچىل 11 نومۇر ئارقىدا قېلىشتەك ئەھۋالدا نەتىجىنى ئاشۇرۇپ، ئۆز مەيدانىدا 90غا قارشى 102 نومۇر بىلەن لياۋنىڭ كوماندىسىنى يەڭدى.
يەتتە مەيدان مۇسابىقىدە تۆت مەيدان يەڭسە غەلىبە قىلىدىغان بۇ مۇسابىقە شەكلىدە، شىنجاڭ كوماندىسى ئومۇمىي نەتىجىدە 2:0 نەتىجە بىلەن ئالدىدا تۇردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى