باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

ھەر مىللەت خەلقىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرۈش كېرەك

2017.03.12 15:29         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 12- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىشلەپچىقىرىش ۋە تۇرمۇش شارائىتىنى ياخشىلايدىغان تۈرلەرنى كۆپرەك يولغا قويۇپ، خەلققە نەپ يەتكۈزىدىغان ئەمەلىي ئىشلارنى كۆپرەك قىلىپ، ھەر مىللەت ئامما غەم قىلىدىغان مەسىلىلەرنى كۆپرەك ھەل قىلىپ، پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنۇلارنى بىلدۈردى: داۋاملىق تىرىشىپ ھەر مىللەت ئاممىنى ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلەندۈرىمىز.

  باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «پارتىيەنىڭ غەمخورلۇقى ۋە ۋەتەن چوڭ ئائىلىسىنىڭ ئىللىقلىقىنى ھەر مىللەت ئاممىغا ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك» دېگەن بۇ سۆزى مېنى چوڭقۇر تەسىرلەندۈردى. يېقىنقى نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ مالىيە چىقىمى ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىنىڭ ناھايىتى زور بىر قىسمىنى خەلق تۇرمۇشىنى ياخشىلاشقا ئىشلىتىپ، ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسىنى كۈچەيتتى.

  --شىنجاڭ تۇرپان شەھىرى ئىدىقۇت رايونى دېھقانچىلىق تېخنىكىسىنى كېڭەيتىش مەركىزى يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەرنى ئاسراش پونكىتىنىڭ باشلىقى ۋەكىل رىزۋانگۈل جامال

  مېنىڭ يولدىشىم خەنزۇ، ئارىمىزدا مىللەت پەرقى يوق، قۇش باقمىچىلىق ھەمكارلىق كپوپىراتىپى قۇردۇق، زاڭزۇ ۋە خەنزۇ خىزمەتچىلەر بار، خەنزۇ قېرىنداشلار تېخنىكىسىنى ئايانماي ئۆگىتىدۇ. مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ياخشىلىساقلا، ئورتاق تەرەققىي قىلالايمىز.

  --شىزاڭ شەننەن شەھىرى زېداڭ بازىرى زېداڭ ئاھالە كومىتېتى پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ۋەكىلى شى جوگا

  ئاز سانلىق مىللەت بولۇش سۈپىتىم بىلەن، يۇرتۇمنىڭ تەرەققىياتىدىن زوقلىنىمەن. ھازىر نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى يۆنىلىشى تېخىمۇ دەل جايىدا بولۇپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش قەدىمى تېخىمۇ پۇختا بېسىلدى. ئىسلاھات، تەرەققىيات نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ دوستانە ۋە ئىتتىپاق ئۆتۈپ، مىللەتلەر بىللە ياشاپ، بىللە ئوقۇپ، بىللە ئىشلەپ، خۇشاللىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولىمىز.

  --چىڭخەي شىنىڭ خەيبو ئادۋوكاتلىق ئورنىنىڭ مۇدىرى، ۋەكىل ما خۇچېڭ

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر