باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجىنىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىدە قىلغان مۇھىم سۆزى قىزغىن ئىنكاس قوزغىدى

مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى

2017.03.11 15:11         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ھەر مىللەت خەلقىنىڭ جان تومۇرى، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئۇل تاش، شۇنداقلا 1 مىليارد 300 مىليوندىن ئارتۇق جۇڭگو خەلقىنىڭ ئورتاق ئىرادىسى. ۋەكىللەر، ئەزالار مۇنداق دېدى: مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۈندىلىك تۇرمۇش، خىزمەت ۋە ئۆگىنىشتە ئەمەلىيلەشتۈرىمىز.

  باش شۇجى مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى كۆز قارىچۇقىنى ئاسرىغاندەك ئاسراش، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئۆزىنىڭ جېنىنى قەدىرلىگەندەك قەدىرلەش كېرەكلىكىنى كۆرسەتتى. بىر نەچچە يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ جامائەت مۇلازىمىتى كۈنسېرى ياخشىلىنىپ، خەلققە قولايلىق يارىتىش تەدبىرلىرى بارغانسېرى كۆپىيىپ، ئاز سانلىق مىللەت ئاممىسى ئەمەلىي نەپتىن ھەقىقىي بەھرىلەندى.

  __ سودا-سانائەت بانكىسى ئۈرۈمچى «مىڭدې» يولى تارماق بانكىسى باشلىقىنىڭ ياردەمچىسى، ۋەكىل مۇختەبەر سادىق

  مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئورگان، گازارما، مەھەللە، مەكتەپ، كارخانىلاردا قانات يايدۇرۇپ، ھەر قايسى مىللەتلەرنىڭ ئۆز ئارا چۈشىنىش، ئۆز ئارا ھۆرمەتلىشىنى پائال ئىلگىرى سۈرىمىز. نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭى جەھەتتە ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونىنىڭ ئىشلەپچىقىرىش، تۇرمۇش شارائىتى زور دەرىجىدە ياخشىلاندى، كەلگۈسىدە تېخىمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىغا ئىشىنىمىز!

  ___ يۈننەن ئۆلكىسى مېڭخەي ناھىيەسىنىڭ مۇئاۋىن ھاكىمى، ئەزا يۈ پاشىن

  گۇيجۇ ئۆلكىسى باسو مياۋزۇ يېزىسىدىكى يۇرتداشلىرىم قەدىمىي كەنتنى رېمونت قىلىش ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز ئىشلەۋاتىدۇ. قەدىمىي كەنتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى قوغداش ئارقىلىق مياۋزۇ يېزىسىنىڭ ئەسلى قىياپىتىنى ساقلاپ، يەرلىكنىڭ ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى ئۆزگىچە بايلىقىغا ئايلىنىشى، شۇنداقلا مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى گۈللىرىنىڭ ئۇزاققىچە پورەكلەپ ئېچىلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  ___ گۇيجۇ ئۆلكىلىك ناخشا-ئۇسسۇل يۇرتىنىڭ خىزمەتچىسى، ۋەكىل لېي يەن

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر