باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نىڭ جىجې: مۇردا كارخانىلارنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش كېرەك،
قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنىڭ مەخسۇس ھۆججىتى بار

2017.03.10 16:01         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزۈشتىن بۇرۇن «مىنىستىرلار يولى» يەنە ئېچىۋېتىلدى.

  دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى نىڭ جىجې مىنىستىرلار يولىدا مۇنداق دېدى: مۇردا كارخانىلار چوقۇم ئېنىقلىنىپ تەرتىپكە سېلىنىدۇ.

  بۇ يىللىق ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتا، زۇڭلى ئېنىق قىلىپ مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: مۇھىت ئاسراش، ئېنېرگىيە سەرپىياتى، سۈپەت، بىخەتەرلىك قاتارلىقلارغا ئالاقىدار قانۇن-نىزام ۋە ئۆلچەملەرنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، بازارلاشتۇرۇش ۋە قانۇن ئارقىلىق ئىدارە قىلىش ۋاسىتىسىدىن تېخىمۇ كۆپ پايدىلىنىپ، «مۇردا كارخانىلار»نى ئۈنۈملۈك بىر تەرەپ قىلىپ، كارخانىلارنى بىرلەشتۈرۈپ قايتا تەشكىللەش، ۋەيران ھېساباتىنى ئېنىقلاشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆلچەمگە يەتمىگەن، قالاق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى قەتئىي شاللاپ، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئوشۇق ساھەلەرنىڭ يېڭىدىن ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى كۆپەيتىشىنى قاتتىق كونترول قىلىش كېرەك.

  نىڭ جىجې يەنە مۇردا كارخانىلارنى ئېنىقلاپ تەرتىپكە سېلىش توغرىسىدىكى مەسىلىنىڭ 12-مارت مەخسۇس سۆزلىنىدىغانلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا، مۇخبىر قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش تەرتىپىنى قانداق قىلغاندا تېخىمۇ قېلىپلاشتۇرۇپ، يەرلىكنىڭ قوغدىشىدىن ساقلانغىلى بولىدىغانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ بۇنىڭ بىر يۈرۈش ھۆججىتى بارلىقىنى ئېيتتى.

  ئۇنىڭدىن باشقا قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىش، ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن بېرىلگەن دوكلاتتىمۇ بايان قىلىندى، يەنى كارخانىلارنىڭ زاپاس مۈلۈكنى جانلاندۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مۈلۈكنى ئاكسىيەلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان قەرزنى پايغا ئۆزگەرتىشنى قوللاپ، پاي ھوقۇقى ئارقىلىق مەبلەغ يۈرۈشتۈرۈش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، كارخانىلار بولۇپمۇ دۆلەت كارخانىلىرىنى مالىيە پىشاڭى ئارقىلىق چەكلەشنى كۈچەيتىپ، كارخانىنىڭ قەرزىنى تەدرىجىي ھالدا مۇۋاپىق سەۋىيەگە چۈشۈرۈش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر