باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭدا يېڭىدىن ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى كۆپەيدى

2017.03.10 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ئورمانچىلىق ئىدارىسىنىڭ رەسمى تەستىقلىشى بىلەن، شىنجاڭ ساۋەندىكى لۇجياۋۋەن (بۇغا مۈڭگۈزى قولتۇقى) دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى ۋە شىنجاڭ ئەۋلىيا چوققا دۆلەتلىك ئورمان باغچىسى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى قىلىپ ئۆستۈرۈلدى. نۆۋەتتە ئاپتونوم رايونىمىزدا دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى 23كە كۆپەيگەن بولۇپ، كۆلىمى بىر مىليون 194 مىڭ 200 گېكتار كېلىدۇ.

  9- مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئورمانچىلىق نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىم ئاپتونوم رايونىمىزدا يېڭىدىن ئىككى دۆلەت دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى كۆپەيگەندىن سىرت، «مەملىكەتلىك شەھەر ئەتراپى ئورمان باغچىسى تەرەققىيات پىلانى (2015-2016)غا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونىمىزدا يەنە ئۈرۈمچى شەھىرى «قارلىغاچلىق قەدىمى قارىياغاچ ئورمان باغچىسى»، خېجىڭ ناھىيەسى «شىمالىي تاغ ئورمان باغچىسى» ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى «ئويتاغ مۇزلۇق ئورمان باغچىسى» قاتارلىق ئۈچ باغچا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك ئورمان باغچىسى قىلىپ يېڭىدىن تەستىقلانغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر