باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

لى پېڭشىن شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تەمىنات-سودا كوپىراتىپىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق تەكىتلىدى:

مەۋقەنى «يېزا ئىگىلىكى، يېزا ۋە دېھقانلار» مەسىلىسىگە قويۇپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك

2017.03.10 16:52         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- مارت چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش كاتىپ، مائارىپ خىزمىتى كومىتېتىنىڭ شۇجىسى لى پېڭشىن ش ئۇ ئا ر تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ بىرىنچى سېپىگە بېرىپ، تەمىنات-سودا كوپىراتىپىنىڭ ئۇنىۋېرسال ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، دېھقانلارغا مۇلازىمەت قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى.

  لى پېڭشىن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تەمىنات-سودا كوپىراتىپى سىستېمىسى ماركا قۇرۇلۇشىنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە خاسلىقىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، بازار رىقابەت كۈچىنى ئاشۇرۇشى؛ ئىچكى باشقۇرۇش قۇرۇلمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، كوپىراتىپ بىلەن كارخانىلارنىڭ مۇناسىۋىتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، تەمىنات-سودا كوپىراتىپلىرىنىڭ تىجارەت، مۇلازىمەت ساھەسىنى كېڭەيتىپ، دېھقانلار بىلەن بولغان ئالاقىسى تېخىمۇ قويۇق، بازارلىشىشى تېخىمۇ ئۈنۈملۈك بولغان ئىقتىسادىي ھەمكارلىق ئىگىلىك تەشكىلات سىستىمىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، دېھقانلارنىڭ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇپ، كىرىمىنى ئاشۇرۇپ بېيىشىنى ئىلگىرى سۈرۈشى؛ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدا رولىنى تېخىمۇ زور ۋە ھەقىقىي جارى قىلدۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر