باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزى يۆنىلىش كۆرسىتىپ بەردى

تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات گۈللىنىشنىڭ مۇقەررەر يولى

2017.03.08 16:42         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  باش شۇجى شى جىنپىڭ لياۋنىڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئىسلاھاتى ۋە تەرەققىياتىنى، كادىرلارنىڭ ئىستىلىنى ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، شەرقىي شىمالدىكى كونا سانائەت بازىسىنى گۈللەندۈرۈش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتقا تۈرتكە بولۇش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەردىن مۇداپىئەلىنىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەش كېرەك. ۋەكىللەر، ئەزالار: چوقۇم تولۇپ تاشقان غەيرەت بىلەن، گۈللىنىشنى بالدۇر ئىشقا ئاشۇرىمىز، دېيىشتى.

  باش شۇجى شى جىنپىڭ تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنىڭ لىياۋنىڭ ئۆلكىسىنى گۈللەندۈرۈشنىڭ مۇقەررەر يولى ئىكەنلىكىنى كۆرسىتىپ، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشنىڭ يۆنىلىشىنى كۆرسىتىپ بەردى. شەرقىي شىمال رايونى ئەمدى ئېغىر خىمىيە سانائىتى، بايلىق تىپىدىكى دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنى پىششىقلاپ ئىشلەشكە تايانسا بولمايدۇ، يېڭى ئېشىش نۇقتىسى يېتىشتۈرۈشنى تېزلىتىپ، يېڭى ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ توپلاپ، روھنى ئۇرغۇتۇپ، تولۇپ تاشقان غەيرەتكە كەلگەندىلا، شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرگىلى بولىدۇ.

  ____ لياۋنىڭ ئۆلكىسى تيېلىڭ شەھىرى دۇڭشىڭ كەنتىنىڭ پارتىيە ياچېيكا شۇجىسى، ۋەكىل ۋۇ يەنلياڭشەرقىي شىمال رايونلىرىدا دۆلەت كارخانىلىرى بىر قەدەر كۆپ، دۆلەت كارخانىلىرىنى ئىسلاھ قىلىش شەرقىي شىمالنى گۈللەندۈرۈشتىكى مۇھىم نۇقتا. دۆلەت كارخانىلىرى تارىختىن قېپقالغان مەسىلىلەرنى چىڭ تۇتۇپ بىر تەرەپ قىلىشى، بولۇپمۇ «مۇردا كارخانىلار»غا تىغ تەگكۈزۈشكە جۈرئەت قىلىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق بولمىغان كەسىپلىرىنى تېزدىن ئاجرىتىپ، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، بازار رىقابەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ___ جۇڭگو پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ ئاكادېمىكى، چاڭچۈن ئوپتىك نازۇك ماشىنىلار ۋە فىزىكا تەتقىقات ئورنىدىن ۋەكىل ۋاڭ جياچى

  شەرقىي شىمالنىڭ بازار ھاياتىي كۈچى تېخى تولۇپ قويۇپ بېرىلمىدى، بۇنىڭدا ھەم ئىقتىسادىي قۇرۇلما مەسىلىسى ھەم تۈزۈلمە-مېخانىزم مەسىلىسى ساقلانغان بولۇپ، ئىسلاھات ئارقىلىق ھۆكۈمەت بىلەن بازار ئارىسىدىكى مۇناسىۋەتنى راۋانلاشتۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاپ، ھوقۇقنى تۆۋەنگە بېرىش ئىسلاھاتىنى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ياخشى بولغان مەبلەغ سېلىش ۋە تىجارەت مۇھىتى بەرپا قىلىپ، شەرقىي شىمال كونا سانائەت بازىسىنى قايتا گۈللەندۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك.

  ___ جۇڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيەسىنىڭ تەتقىقاتچىسى، ئەزا ۋۇ ئېنيۈەن

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر