- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى
يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى
2017.03.10 16:32 مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى 9-مارت چۈشتىن كېيىن «خەلق» سارىيىدا 2-ئومۇمىي يىغىن ئۆتكۈزدى. 14 ئەزا ئىقتىسادىي قۇرۇلۇش ۋە ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ يىغىندا سۆز قىلدى.ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا قاتناشتى.
بۈگۈنكى يىغىننىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى دۇ چىڭلىن، لو فۇخې، لى خەيفېڭ، جۇ شياۋچۈەن، ما بياۋ، ليۇ شياۋفېڭ بولۇپ، يىغىنغا ليۇ شياۋفېڭ رىياسەتچىلىك قىلدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى ۋاڭ ياڭ، شۇنداقلا ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى، گوۋۇيۈەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتنىشىپ پىكىرلەرنى ئاڭلىدى.
سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنى ئۈچ مەيدان يىغىندا سۆز قىلىشنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، 9-مارت ئۆتكۈزۈلگىنى 1-مەيدان يىغىندا سۆز قىلىش.
شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى
مەنبە: خەلق تورى
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا
${KEYWORD}
ئالاقىدار خەۋەرلەر