سۈرەتتە: ئامېرىكا نيويورك شەھىرى ۋال كوچىسىدىكى مىس كالا ئالدىغا قويۇلغان «باتۇر قىز» ھەيكىلى. (3-ئاينىڭ 9-كۈنى تارتىلغان)
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 10-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2017-يىللىق خەلقئارا ئاياللار بايرىمى ھارپىسىدا، بىر «باتۇر قىز» ھەيكىلى نيويورك شەھىرى ۋال كوچىسىدىكى مىس كالا ھەيكىلى ئالدىدا بىردىنلا پەيدا بولدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ھەيكەلنى بىر پۇل مۇئامىلە مەبلەغ سېلىش شىركىتى بۇ ئورۇنغا قويۇپ قويغان بولۇپ، كارخانىلارنى ئاياللارغا باراۋەر خىزمەت ۋە ئۆسۈش پۇرسىتى بېرىشكە مۇراجىئەت قىلغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى