باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئورگىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

2017.03.09 17:24         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 6-فېۋرال چۈشتىن كېيىن، ئاپتونۇم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى ئورگىنىدا «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىر ئائىلە كىشىلىرى» دوستلۇق پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئاپتونۇم رايونلۇق پارتكوم دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى شۈ خەيروڭ ھەر مىللەت خىزمەتچى-كادىرلىرى بىلەن بىر يەرگە جەم بولۇپ، خىزمەتچى-كادىرلار تەييارلىغان سەنئەت نومۇرلىرىنى بىرلىكتە كۆرۈپ، ئىناق مىللى ھېسسىياتنى تەڭ سۈرۈپ، ئۆزئارا مەدەتكار بولىدىغان ئىتتىپاقلىق كۈيىنى تەڭ ياڭراتتى ۋە شىنجاڭنىڭ ئەتىسىنىڭ تېخىمۇ گۈزەل بولىدىغىنىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرۈلدى.

  ئاپتونوم رايونلۇق ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى مەمۇرىي تەپتىش نازارىتى سەككىز مىللەت خىزمەتچى-كادىرلىرىدىن تەشكىل تاپقان بىر چوڭ ئائىلە بولۇپ، بۇ چوڭ ئائىلىدە ھەر مىللەت خىزمەتچى-كادىرلىرى ئىناق-ئىتتىپاق ئۆتۈپ، بىر-بىرىگە يار-يۆلەكتە بولۇپ، ئۆزئارا چۈشىنىپ كەڭ قورساق بولۇپ، بىرلىكتە قول تۇتۇشۇپ ئىلگىرىلىدى.

  دوستلۇق پائالىيىتىدە، لەرزان ناخشا-ئۇسسۇلغا جۆر بولغاچ، ئورگاندىكى ئاز سانلىق مىللەت قېرىنداشلار ساڭزا، قوي پاچىقى كاۋىپى، بوۋۇرساق، قاقلىغان گۆش دېگەنگە ئوخشاش ئۆزلىرىنىڭ مىللى خاسلىققا ئىگە تاماقلىرىنى سۇنۇپ بىرلىكتە ھەمداستىخان بولدى. ئاخىرىدا شادىيانە مەشرەپ ئاۋازى ھەربىر ئادەمنىڭ قىزغىنلىقىنى ئۇرغۇتتى. شۈ خەيروڭ ھەر مىللەت كادىر-خىزمەتچىلەر بىلەن بىرلىكتە ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئوينىدى، زال ئىچى خۇشاللىققا تولۇپ، ئىتتىپاقلىق تۇيغۇسىغا چۆمدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللىنىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر