باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مۇخبىرنىڭ كۆزىتىشى:

بەش جۈملە «يېقىملىق سۆز» دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يىنىڭ سالاپىتىنى نامايان قىلدى

2017.03.09 16:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-مارت چۈشتىن بۇرۇن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى مېيدىيا مەركىزىدە مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنى ئاچتى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى «جۇڭگونىڭ دىپلوماتىيە سىياسىتى ۋە تاشقى مۇناسىۋىتى» توغرىسىدا مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  بۈگۈنكى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، ۋاڭ يىنىڭ بەش جۈملە يېقىملىق سۆزى كىشىلەردە چوڭقۇر تەسىر قالدۇردى.

  «ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلىق قىلالمايدۇ».

  بىر مۇخبىرنىڭ «تەيۋەن دائىرلىرىنىڭ <بىر جۇڭگو> يولىدىن بارغانسېرى چەتنىشى بىردىنبىر يولىمۇ» دېگەن سوئالىغا ۋاڭ يى قەتئىي ھالدا: ھەرقانداق كىشى، ھەرقانداق كۈچ جۇڭگونىڭ ئەڭ ئاخىرىدا دۆلەتنىڭ تولۇق بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا توسقۇنلىق قىلالمايدۇ، دەپ جاۋاب بەردى.

  «يەنە ئۆز بېشىمچىلىق قىلىش ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيانلىق»

  بۇ يىل، جۇڭگو كورىيە مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 25 يىللىقى. ۋاڭ يى بىر مۇخبىرنىڭ «جۇڭگو-كورىيەنىڭ بۇ يىللىق مۇناسىۋىتىدىن قانداق ئۈمىد بار، جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىدە جۇڭگونىڭ قانداق پىلانى بار» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھازىر جۇڭگو-كورىيە مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزىدىغان ئەڭ چوڭ مەسىلە ئامېرىكا-كورىيەنىڭ جاھىللىق بىلەن كورىيەگە بەس-مۇنازىرىگە تولغان «ساد» باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنى ئورۇنلاشتۇرىشى.

  ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: «ساد» باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىنىڭ كۆزىتىپ ئالدىن سىگنال بېرىش دائىرىسى يېرىم ئارالدىن ھالقىيدىغان بولۇپ، ئۇنىڭدىكى جۇڭگونىڭ ئىستراتېگىيەلىك خەۋپسىزلىكىگە زىيان يەتكۈزۈش غەرىزى ھەممىگە ئايان. شۇڭا «ساد» نى كىرگۈزۈش روشەنكى بىر خاتا تاللاش، ئۇ قوشنىدارچىلىق مۇناسىۋىتىگە تەسىر يەتكۈزۈپلا قالماي، يەنە كورىيەنى تېخىمۇ خەتەرلىك ئەھۋالدا قويۇشى مۇمكىن.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: كورىيەدىكى بەزى كۈچلەرنى يەنە ئۆز بېشىمچىلىق قىلماسلىققا ئۈندەيمىز، ئۇنداق بولمايدىكەن، ئاقىۋەتتە ئۆزىگىمۇ، ئۆزگىگىمۇ زىيان يەتكۈزىدۇ. كورىيەنى تىك ياردىن ئاتنىڭ تىزگىنىنى تارتىپ، «ساد» ئورۇنلاشتۇرۇشنى توختىتىپ، توغرا يولدىن بارغانسېرى چەتنەپ كەتمەسلىككە ئۈندەيمىز.

  «ياپونىيە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ <يۈرەك كېسىلى> نى داۋالاشقا مۇھتاج»

  ياپونىيە مۇخبىرىنىڭ جۇڭگو-ياپونىيە مۇناسىۋىتىنى قانداق ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدىكى سوئالىغا ۋاڭ يى مۇنداق جاۋاب بەردى: «ياپونىيە ئاۋۋال ئۆزىنىڭ <يۈرەك كېسىلى> نى داۋالاشقا مۇھتاج»، جۇڭگونىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ گۈللىنىش پاكىتىغا ئىدراكىي مۇئامىلە قىلىشى ۋە ئۇنى قوبۇل قىلىشى كېرەك.

  «چەتئەلگە قېچىش قانۇندىن ھالقىش ئەمەس، جىنايىتىدىن ساقلايدىغان جەننەت مەۋجۇت ئەمەس»

  «چەتئەلگە قېچىش قانۇندىن ھالقىش ئەمەس، جىنايىتىدىن ساقلايدىغان جەننەت مەۋجۇت ئەمەس»، ۋاڭ يى مۇخبىرنىڭ «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بېرىپ مۇنداق دېدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە چەتئەلدە تۇرۇشلۇق ھەرقايسى كونسۇلخانىلار دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى باشقۇرغۇچى تارماقلارغا پۈتۈن كۈچى بىلەن ماسلىشىپ، 90 دۆلەت ۋە رايوندىن چىرىكلىك ۋە ئىقتىسادىي دېلوغا چېتىشلىق 2500 دىن ئارتۇق چەتئەلدە قېچىپ يۈرگەن جىنايەتچىنى قايتۇرۇپ كەلدى، بۇنىڭ ئىچىدە «قىزىل تۇتۇش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن 100 جىنايەتچى» 38 گە يەتتى.

  ۋاڭ يى مۇنداق دېدى: بىز دۇنيادىكى 70 دۆلەت بىلەن ئۆتكۈزۈپ بېرىش شەرتنامىسى ۋە ئەدلىيە ھەمكارلىقى شەرتنامىسى ئىمزالاپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى چوڭ قىتئەلىرىدىكى ئاساسلىق دۆلەتلەرنى قاپلايدىغان قېچىپ كەتكەنلەرنى قوغلاپ تۇتۇش، ھارام مالنى قايتۇرىۋېلىش تورىنى ئاساسەن شەكىللەندۈردۇق، يەنە APEC,G20 تەشكىللەش ئارقىلىق، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشتىكى ئورتاق تونۇشىنى شەكىللەندۈردۇق ۋە مۇجەسسەملىدۇق، ئېلىمىزنىڭ بۇنىڭدىكى ئىرادىسى ۋە بۇ يولدا قولغا كەلتۈرگەن ئىلگىرىلەشلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ بىردەك ياخشى باھاسىغا ئېرىشتى، شۇنداقلا خەلقئارادا ياخشى ئوبراز تىكلىدى.

  «مەسئۇلىيەتتىن باش تارتماي، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىمىز»

  كونسۇل جەھەتتىن قوغداش-دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى ھەر يىللىق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا «جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك مەسىلە» بولۇپ، ئۇ ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ جانىجان مەنپەئىتىگە چېتىلىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ «جۇڭگو دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ۋە جۇڭگو كونسۇلخانىسىنىڭ كونسۇل جەھەتتىكى قوغداشتا قانداق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەنلىكى» توغرىسىدىكى سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: قېرىنداشلىرىمىز ھايات-ماماتلىق پەيتىدە ھەممىدىن بۇرۇن كونسۇلخانىنى ئويلايدۇ، بىز بۇ ئىشەنچ ۋە مەسئۇلىيەتتىن قەتئىي باش تارتماي، پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ياردەم بېرىمىز.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر