باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

جاڭ ياۋخۇا شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولدى

2017.03.09 16:28         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 8- مارت، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى چۆچەك شەھەرلىك ھۆكۈمەت تورىدىن ئىگىلىشىچە، چۆچەك شەھىرى 7- مارت چۈشتىن كېيىن كادىرلار يىغىنى ئېچىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ ئاساسلىق رەھبىرىنى تەڭشىشى توغرىسىدىكى قارارنى ئېلان قىلدى. يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇش ۋە تەيىنلەش توغرىسىدىكى قارارىنى ئوقۇپ ئۆتتى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ قارار قىلىشىچە، يولداش جاڭ يەن بۇنىڭدىن كېيىن چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىلىق ۋەزىپىسىنى ئۆتۈمەيدۇ. يولداش جاڭ ياۋخۇا چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولدى.

  جاڭ يەن مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم، پارتكوم تەشكىلات بۆلۈمى ۋە ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ يولداش جاڭ ياۋخۇانى تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكومنىڭ ئەزاسى، چۆچەك شەھەرلىك پارتكومنىڭ شۇجىسى بولۇشقا تەيىنلەش قارارىنى قەتئىي ھىمايە قىلىش كېرەك. بۇ، يۇقىرىنىڭ چۆچەك شەھىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكى ۋە يۈكسەك ئەھمىيەت بەرگەنلىكىنى نامايان قىلىشى، ھەمدە ئاپتونوم رايونلۇق پارتكوم ۋە تارباغاتاي ۋىلايەتلىك پارتكوم چۆچەك شەھىرىدىكى باش نىشاننى چۆرىدىگەن ھالدا، يېڭى غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشنى مەقسەت قىلغانلىق سەمىمىي ئۈمىدنى ئىپادىلەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر