باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

موسكۋا شەھەر ئەتراپىدا قۇش زۇكىمى كۆرۈلۈپ، 14 كىشى دوختۇرخانىغا كىرىپ قالدى

2017.03.07 16:46         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: رۇسىيە بەلباغ تورىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىنقى كۈنلەردە، رۇسىيە موسكۋا ئىشتاتىنىڭ ئۈچ ۋىلايىتىدىكى ئائىلە قۇش مەيدانىدا قۇش زۇكىمى يۇقۇم ئەھۋالى كۆرۈلگەن. شۇ جايدىكى داۋالاش ئاپپاراتى ئاشكارىلىغان خەۋەردە دېيىلىشىچە، ئۆي قۇشلىرى بىلەن كۆپ ئۇچۇرلاشقان 14 خىزمەتچى خادىم دوختۇرخانىدا داۋالىنىۋېتىپتۇ.

  ئىگىلىنىشىچە، مۇتەخەسسىسلەر 28- فېۋرال ئېلىپ بېرىلغان سىناق نۇسخىسى ئىچىدە قۇش زۇكىمى بايقالغان، 5-مارت، ئىككىنچى قېتىملىق ئانالىزدا نەتىجىسى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلانغان.

  نۆۋەتتە، ئۆي قۇشلىرى مەيدانىدىكى بارلىق خىزمەتچى خادىملارنىڭ يۇقۇملانغان ئەھۋالى كۆرۈلمىگەن. دەسلەپكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، قۇش زۇكىمى يۇقۇمىنىڭ تارقىلىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، مۆلچەرلىنىشىچە، 400 مىڭ ئۆي قۇشى مەجبۇرىي بىر تەرەپ قىلىنىدىكەن. 3-مارت، رۇسىيە 360 تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، موسكۋا شەھەر ئەتراپىدا 11 مىڭ مېكىيان قۇش زۇكىمى سەۋەبىدىن ئۆلگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر