باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

كومىسسار جياۋ شىڭ: دىن ساھەسىدىكىلەرنىڭ يېڭى تاراتقۇ ئارقىلىق ئاكتىپ كۈچنى تارقىتىشنى پائال يېتەكلەش كېرەك

2017.03.09 16:30         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئىنتېرنېت دەۋرىدە، قەدىمىي بۇددا دىنىنى پەن-تېخنىكا بىلەن قانداق قىلىپ ئۆزئارا سىڭىشتۈرۈش، بۇددا دىنى مەدەنىيىتىنى يېڭىچە شەكىل ئارقىلىق نامايان قىلىش، ھەم ھەق ئېتىقاد ۋە توغرا دىنگە ئىگە بولۇش دېگەندەك مەسىلىلەر دىنىي يېڭى تاراتقۇلارنىڭ ئاكتىپلىق بىلەن مۇئامىلە قىلىشى لازىم بولغان تېما بولۇپ قالدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، جۇڭگو بۇددا دىنى جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى، شاڭخەي گۆھەر ئىبادەتخانىسىدىكى باش راھىب ئۇستاز جياۋ شىڭ مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا تۆۋەندىكىلەرنى دېدى:

  كومىسسار جياۋ شىڭ مۇنۇلارنى تەكلىپ قىلدى: دىنىي يېڭى تاراتقۇلارنى ياخشى قۇرۇپ، دىنىي مەدەنىيەت تارقىتىش ساھەسىدىكى كەسپىي خادىملارنى تەربىيەلەش ۋە يېتىشتۈرۈشنى كۈچەيتىپ، يېڭى تاراتقۇلار تارقىتىش ئۇسۇلى ۋە ۋاسىتە ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ھەق ئېتىقاد ۋە توغرا دىنىي مەدەنىيەت بىلىملىرىگە ئىگە بولۇش كېرەك. ئەڭ مۇھىمى دىننى جۇڭگوچىلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، جەمئىيەت ۋە خەلق ئۈچۈن ئىتتىپاقلىق ۋە بىرلىككە، ئىناق ۋە مۇقىملىققا پايدىلىق بولغان ئوبدان ئۇچۇر ۋە ئاكتىپ ئېنېرگىيەلەرنى تارقىتىپ، دىننىڭ ئىجابىي رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر