باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلاندى

2017.03.09 15:36         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- مارت، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مائارىپ نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بېكىتكەن 2017- يىلى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى باشلانغان، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتى ۋە ئىچكىرىدىكى كەسپىي تېخنىكوم سىنىپلىرىغا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانى بىرلا ۋاقىتتا ئېىلپ بېرىلىدىكەن، جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ھەر مىللەت ئوقۇغۇچىلىرىدىن تولۇقسىز ئوتتۇرىنى پۈتكۈزىدىغان ئوقۇغۇچىلارغا قارىتا بىر تۇتاش تىزىملىتىش، بىر تۇتاش ئىمتىھان ئېلىش، بىرتۇتاش قەغەز تەكشۈرۈش، بىر تۇتاش ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتەك ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئۇسۇلى يولغا قويۇلغان. 2017- يىلى چۈشۈرگەن بەش يىللىق تۈزۈم (ئالى دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئالى تېخنىكۇم مەكتەپلەر مۇستەقىل ئېلىپ بېرىش، تۈزۈمدىكى ئوقۇتۇشنى يولغا قويۇش، ئۆگىنىش نەتىجىسى لاياقەتلىك بولغانلارغا ئالى دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەر، ئالى تېخنىكۇم مەكتەپلەر ئالىي كەسپىي مائارىپ (مەخسۇس كۇرس) ئوقۇش تارىخى دىپلومى تارقىتىش) بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 300 نەپەر، ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانى 2100 نەپەر بولىدىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىن ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىنىڭ تىزىملىتىش ۋاقتى 3- ئاينىڭ 10- كۈنىدىن 4- ئاينىڭ 10 كۈنىگىچە داۋاملىشىدىكەن. ئىمتىھانغا قاتنىشىدىغان ئوقۇغۇچىلار چوقۇم مۇشۇ يىلى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرىدىغان، تولۇقسىز ئوتتۇرىدا تولۇق ئوقۇش تارىخىغا ئىگە بولغان بولۇشى، تېنى ساغلام، سالامەتلىك تەكشۈرۈش ئۆلچىمىگە ئۇيغۇن كەلگەن بولۇشى كېرەك ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يەنە نوپۇس تەۋەلىكى تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىشى، ئوقۇغۇچىنىڭ نوپۇسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا بولۇشى، ئاتا ئانىسى ياكى ھامىيسىنىڭ نوپۇسى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى تۇرۇشلۇق ئورنىدا بولۇشى كېرەك ئىكەن. شەرتكە ئۇيغۇن كېلىدىغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپنى پۈتتۈرۈش ئالدىدىكى ئوقۇغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ تۇرۇشلۇق مەكتەپ ۋە شۇ جايدىكى مائارىپ مەمۇرىي تارماقلىرىنىڭ تەكشۈرۈشىدە لاياقەتلىك بولغانلار، تۇرۇشلۇق مەكتەپ ياكى شۇ جايدىكى مائارىپ ئىدارىسىدا تىزىملاتسا بولىدىكەن.

  ئومۇمەن ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتىكى ئوتتۇرا دەرىجىلىك كەسپىي مەكتەپلەرگە مەخسۇس ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش پىلانىغا تىزىملاتقان ئوقۇغۇچىلار، چوقۇم بىر تۇتاش ئاپتونوم رايونىمىزدىكى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇش سەۋىيە ئىمتىھانىغا قاتنىشىىشى كېرەك. ئىمتىھان ئېلىنىدىغان پەنلەر: تىل-ئەدەبىيات، ماتېماتىكا، فىزىكا-خىمىيە (بىرلەشمە سوئال) ، ئىدىيە-ئەخلاق، تارىخ (بىرلەشمە سوئال) ، ئىنگلىز تىلى (ئاز سانلىق مىللەت تۈرىدىكى ۋە قوش تىل سىنىپ ئوقۇغۇچىلىرى خەنزۇ تىلى ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ). ھەربىر پەن ئىمتىھاننىڭ تولۇق نومۇرى 150 نومۇر، ئومۇمىي نومۇرى 750 نومۇر بولىدىكەن. ئىمتىھان ۋاقتى 2017- يىلى 6- ئاينىڭ 20- كۈنىدىن 23- كۈنىگىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر