باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ گاۋلى تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى

مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلىرىمىز بىلەن كۈتۈۋالايلى

2017.03.07 16:45         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلى 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن تيەنجىن ۋەكىللەر ئۆمىكى ئەزالىرى بىلەن بىللە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنى قاراپ چىقتى. لى خۇڭجۇڭ، ۋاڭ دۇڭفېڭ، لى جياجۈن قاتارلىق ۋەكىلللەر ئىلگىرى-كېيىن سۆز قىلدى، جاڭ گاۋلى كۆپچىلىك بىلەن ئارىلاپ پىكىر ئالماشتۇرۇپ، چوڭقۇر مۇزاكىرە قىلدى، كەيپىيات ناھايىتى قىزغىن بولدى.

  ۋەكىللەرنىڭ سۆزى تۈگىگەندىن كېيىن، جاڭ گاۋلى مۇنداق دېدى: زۇڭلى لى كېچياڭ بەرگەن ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3-،4-،5-،6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، راستچىل-ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، يول ئېچىپ يېڭىلىق يارىتىلغان، ۋەزىپىلەر ئېنىق، تەدبىرلەر كۈچلۈك، كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان، ئالغا ئىلگىرىلەشكە ئۈندەيدىغان دوكلات بولدى، ھەممىمىز قوللايمىز. 2016-يىلى، مۇرەككەپ، كەسكىن دۆلەت ئىچى ۋە سىرتى مۇھىتىدا، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ ۋە يېتەكلەپ، «بەشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئىلگىرى سۈرۈپ، «تۆت ئومۇميۈزلۈك» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ماس ئىلگىرى سۈرۈپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش ھالقىسىدىكى قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان، ۋەزىپىلىرىنى قانائەتلىنەرلىك ئورۇنداپ، «13-بەش يىل» دىكى ياخشى باشلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى. پارتىيە 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىدا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ جانىجان مەنپەئىتى نامايان قىلىنغان بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ روناق تېپىشى، ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. بۇ يىل، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدىغان بولۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى تەرەققىياتىدا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بىر يىل. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزىنىڭ روھى ۋە دۆلەتنى ئىدارە قىلىپ ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش يېڭى قارىشى، يېڭى ئىدىيەسى، يېڭى ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇشتا، مەركەزنىڭ ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى ۋە ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلاتنىڭ تەلىپى بويىچە، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمىتى باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، مۇقىم ئاشۇرۇش، ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈش، قۇرۇلمىنى تەڭشەش، ئەلگە نەپ يەتكۈزۈش، خەۋپ-خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىشنىڭ تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئىشلەپ، ئىقتىسادنىڭ تەكشى، ساغلام تەرەققىياتى ۋە جەمئىيەتنىڭ ئىناقلىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر