باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ۋەكىل گۈلنۇر مەمەت ئىچكىرى ئۆلكىلەردە «شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى» تەسىس قىلىش تەكلىپىنى سۇندى

2017.03.09 17:17         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 7- مارت، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىلى، شىنجاڭ يېنىك سانائەت كەسپى تېخنىكوم ئىنىستىتۇتىنىڭ پارتكوم ئەزاسى، مۇئاۋىن ئىنىستىتۇت باشلىقى گۈلنۇر مەمەت شۇنداق دېدى: «دۆلەتنىڭ شىنجاڭنىڭ كەسپى مائارىپىنى قوللاش سالمىقىنى زورايتىشىنى، ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپى تەسىس قىلىپ، ئاپتونۇم رايونىمىز ئۈچۈن يۇقىرى سەۋىيەلىك، ماھارەتلىك ئىختىساسلىقلارنى تەربىيلەپ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  گۈلنۇر مەمەت يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: «ئاز سانلىق مىللەتلەردىن ماھىرلار تىپىدىكى ئىختىساسلىق خادىملارنى يېتىشتۈرۈش، ئەمەلىيەتتە ئىشقا ئورۇنلىشىش قىيىن بولۇشتەك مەسىلىسىنى مەلۇم دەرىجىدە ھەل قىلىپلا قالماستىن، بەلكى يەنە شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتى ئۈچۈنمۇ مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. شۇڭا مەن ئىچكىرى ئۆلكىلەردە شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم سىنىپىنى تەسىس قىلىش، يەنى ئېلىمىزدىكى ‹ئالىي تېخنىكوم 211 قۇرۇلۇشى›دىكى 100 دانە يۇقىرى سەۋىيەدىكى دۆلەت دەرىجىلىك ئۈلگىلىك ئالىي كەسپى تېخنىكوم مەكتەپلىرى ئىچىدىن بىر تۈركۈم مەكتەپلەرنى تاللاپ چىقىش ۋە ئۇلارغا ئىچكىرىدىكى ‹شىنجاڭ ئالىي كەسپى تېخنىكوم› سىنىپىنى تەسىس قىلىش ۋە ئوقۇتۇش ۋەزىپىسىنى تاپشۇرۇش ھەمدە شۇ جايدىكى مەكتەپتىكى ئوقۇغۇچىلار بىلەن ئومۇميۈزلۈك ئارىلاشما ئوقۇتۇش، ئارىلاشما ياتاق قىلىپ ئورۇنلاشتۇرۇش، شۇ ئارقىلىق مىللەتلەر ئارا ئىتتىپاقلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، شىنجاڭغا يۇقىرى ماھارەتلىك ئىختىساس ئىگىلىرى ۋە يۇقىرى ساپالىق ئەمگەكچىلەرنى يېتىشتۈرۈپ بېرىش، شۇنداقلا يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا ياردەم بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللىنىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى
  


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا شاۋكەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر