باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>ئۆز خەۋىرىمىز

«لىچىنكىدىن كېپىنەككە ئايلىنىش»تەك تىپ ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرىدىغان ئۆتكەلدىن قەتئىيلىك بىلەن بۆسۈپ ئۆتەيلى

2017.03.08 17:39         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8–مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلدىغان ھالقىلىق يىل»نى بېسىپ ئۆتۈپ، 2017-يىلىدا، تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنى «چوڭقۇرلاشتۇرۇش يىلى» كۈتۈۋېلىندى. لۇشيەن بەلگىلەشتىن ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈلگىچە، «كىچىك نىشان»لار بارا-بارا ئەمەلگە ئاشماقتا.«ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات»تا تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. چوقۇم تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتنى ياخشىلاشنى ئاساسىي ھۇجۇم نىشانى قىلىپ مەمۇرىيەتنى ئىخچاملاش، باجنى كېمەيتىش، بازارغا كىرىش ئىجازىتىنى كەڭرى قويۇۋېتىش، يېڭىلىق يارىتىشقا ئىلھاملاندۇرۇش، مىكرو سۇبيېكتىنىڭ ھاياتىي كۈچىنى داۋاملىق ئۇرغۇتۇش، ئۈنۈمسىز تەمىنلەشنى ئازايتىش، ئۈنۈملۈك تەمىنلەشنى كېڭەيتىش ئارقىلىق، ئېھتىياجغا تېخىمۇ ياخشى ماسلىشىش ۋە يېتەكلەش لازىم.

  ۋەكىل روزىگۈل قۇراخۇن يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈش كېرەك، دېدىبۇ يىلقى مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ۋەكىلى، شىنجاڭ رەڭلىك مېتال سانائىتى ( گۇرۇھى ) چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى «شىنشىن» كانچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى فۇكاڭ مېتال تاۋلاش زاۋۇتى تېخنىكا مەركىزىنىڭ خىمىيەلىك تەكشۈرۈش ئالىي ئىنژېنىرى روزىگۈل قۇراخۇن ئىككى تەكلىپ سۇندى. ئۇنىڭ بىرى، شىنجاڭنىڭ مىس كان بايلىقىنى يەنىمۇ بىرلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇش ۋە شىنجاڭنىڭ بېرىللىي بايلىقىدىن ئۇنىۋېرسال پايدىلىنىش. ئەمەلىيەتتە ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنى قۇرۇلمىنى تەڭشەش، تىپ ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتىن ئىبارەت.

  روزىگۈل قۇراخۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلمىلىق ئىسلاھات ئارقىلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىشتۈرۈشتە، بىر قىسىم يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان كەسىپلەر ۋە ئىستراتېگىيەلىك كەسىپلەرنى يېتىشتۈرۈشكە ئەھمىيەت بېرىش زۆرۈر، بولۇپمۇ دۇنيا خاراكتېرلىك تەسىرگە ئىگە كەسىپلەرگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىش لازىم.

  ئۇ مىسال ئېلىپ مۇنداق دېدى: مەسىلەن، بېرىللىي بايلىقىدىن پايدىلىنىش جەھەتتە، شىنجاڭ ئۆزگىچە بايلىق ئەۋزەللىكى ۋە تېخنىكا ئەۋزەللىكىگە ئىگە. شۇڭا كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش، ئۆزگەرتىش ئارقىلىق، بېرىللىي بايلىقىنى دۆلەتنىڭ تەمىنلەش ۋە ئۇنىڭغا كاپالەتلىك قىلىش بازىسى قىلىپ قۇرۇپ چىققىلى بولىدۇ.

  ئەزا فېڭ دۇڭمىڭ يانداش تەمىنلەشكە كۈچەشنى ئوتتۇرىغا قويدى

  بىر ئاي ئىلگىرى، جۇڭتەي گۇرۇھى بىلەن مېيكې گۇرۇھى كۈچلۈكلەر ئارا بىرلىكتە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالىدى. جۇڭتەي گۇرۇھى، مېيكې گۇرۇھى ۋە شۇنداقلا مېيكې گۇرۇھى بىلەن ھەمكارلىق ئورناتقان گېرمانىيە باسىف شىركىتى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇش، تىرانسپورت جەھەتلەردە يۈكسەك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان خەلقئارالىق ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى.فېڭ دۇڭمىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات بازار ئېھتىياجىنىڭ ئۆزگىرىشىگە ئاساسەن ئىلگىرى سۈرۈلىدۇ، مەھسۇلاتنى مەيلى پۇقراۋى كارخانىلار ئىشلەپ چىقارسۇن ياكى دۆلەت كارخانىلىرى ئىشلەپ چىقارسۇن، بازاردىكى تەمىنلەش ۋە ئېھتىياج مۇناسىۋىتىدە ئۇنچىۋالا مۇھىم ھېسابلانمايدۇ، «چېگرا ھالقىغان» ئارىلاشما ھالەت تەمىنلەشتىكى يانداش خاراكتېرلىك ئېھتىياج ۋە تەمىنلەش مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ ياخشى ماسلاشتۇرالايدۇ.

  ئۇ مىسالغا ئېلىپ مۇنداق دېدى: بۇ بىر نەچچە يىلدا، شىنجاڭدا كۆپلىگەن تۈرلەر مەيدانغا كەلدى، بۇ تۈرلەر ئىقتىسادنىڭ چېكىنىش مەزگىلىدە ئاز بولمىغان قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلدى. بىراق تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھات كارخانىلارنى ياخشى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. كېيىنكى قەدەمدە ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، يانداش تەمىنلەشكە كۈچەپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق تەمىنلەشتىكى يانداش قۇرۇلما خاراكتېرلىك ئىسلاھاتنىڭ ھالقىلىق نەتىجىلىرىنى يارىتىشىمىز، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر