باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ۋاڭ چىشەن ئايرىم-ئايرىم ھالدا مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ئۆمەك، گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2017.03.07 16:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن 6-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئايرىم-ئايرىم ھالدا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ۋە سىياسىي كېڭەش 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان بەزى ئۆمەك ۋە گۇرۇپپىلارنىڭ قاراپ چىقىشى ۋە مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى.

  جاڭ دېجياڭ ئايرىم-ئايرىم ھالدا شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكى ۋە ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشتى. جاڭ دېجياڭ شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىنىڭ مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان ۋەكىللىرى بىلەن سەمىمىي پىكىر ئالماشتۇردى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىدا خۇشاللىنارلىق نەتىجىلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» ئەمەلىي جېڭىدە يېڭى ئىلگىرىلەشلەر بولدى. دۆلەت تەرەققىياتى شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ گۈللىنىشى ۋە مۇقىملىقىنى تېخىمۇ قوللايدۇ ۋە ئىلگىرى سۈرىدۇ، شياڭگاڭ، ئاۋمېن دۆلەت ۋە ئۆزىنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان ئىشەنچىنى تېخىمۇ چىڭىتىشى كېرەك. شياڭگاڭ ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، جاڭ دېجياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: بۇ يىل، شياڭگاڭنىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتقانلىقىنىڭ 20 يىللىقى، شياڭگاڭ جەمئىيىتى «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» فاڭجېنى ۋە نېگىزلىك قانۇنىنى يەنىمۇ ئومۇميۈزلۈك ۋە توغرا ئىزچىللاشتۇرۇپ، شياڭگاڭ جەمئىيىتىنىڭ سىياسىي مۇقىملىقى ۋە ئىقتىسادىي گۈللىنىشىنى ساقلىشى كېرەك. شياڭگاڭنىڭ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەلىپىگە ئۇيغۇن كېلىدىغان يېڭى باش مەمۇرىنى قانۇن بويىچە ئوڭۇشلۇق سايلاپ، يېڭى بىر نۆۋەتلىك ئالاھىدە رايون ھۆكۈمىتى قۇرۇش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ، بىر نىيەتتە ھەمكارلىشىپ، تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىپ، ئىناقلىقنى ئورتاق ئىلگىرى سۈرىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. ئاۋمېن ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ قاراپ چىقىشىغا قاتناشقاندا، جاڭ دېجياڭ ئاۋمېننىڭ دۆلەتنىڭ تەرەققىيات پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، مەركەزنىڭ قوللاش سىياسىتىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، ئىقتىسادنى تېخىمۇ ياخشى تەرەققىي قىلدۇرىشى؛ ئاساسىي قانۇن ۋە نېگىزلىك قانۇندا بەلگىلەنگەن ئاۋمېننىڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايوننىڭ ئاساسىي قانۇنلۇق تۈزۈمىدىكى تەرتىپىنى ئاڭلىق قوغداپ، ئىزچىل «بىر دۆلەت، ئىككى خىل تۈزۈم» ئەمەلىي جېڭىنىڭ ياخشى ئۈلگىسى بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر