باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ۋەكىل جۇ شەنپىڭ بالىلار پاراۋانلىقى قانۇنىنى تۈزۈش كېرەك، دېدى

2017.03.07 16:40         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بالىلارنىڭ ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشى __ دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە مىللەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك، يەنە مىليونلىغان ئائىلىلەرنىڭ بەختىيار تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك چوڭ ئىش. لېكىن يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، بوۋاقلارنىڭ تاشلىۋېتىلىشى، بالىلارنىڭ ئائىلە زوراۋانلىقىغا ئۇچرىشى، ئۆيىدە قالغان بالىلارنىڭ كۈتۈلمىگەن ئۆلۈم خەۋپىگە ئۇچرىشى قاتارلىق ۋەقەلەر كۆپىيىپ، گېزىتلەردە كۆزگە كۆپ چېلىقىپ، كىشىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلدى، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئېلىمىزدە بالىلارنى قوغداشتا قىيىن ئەھۋالغا دۇچ كېلىش گەۋدىلەندى.

  بالىلار پاراۋانلىقى بولسا بالىلارنىڭ ئەڭ ئاساسىي بىر تۈرلۈك ھوقۇقى ھېسابلىنىدۇ، ئۇنىڭ ئىپادىسى شۇكى، ئۇنىڭدا ھۆكۈمەت، جەمئىيەت ۋە ۋەسىينىڭ جاۋابكارلىقى بار. بالىلار پاراۋانلىقىنى تولۇق قوغداش پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلاندى، ئەمما ئۇنى ھەقىقىي ئەمەلىيلەشتۇرۇشتە ياخشى ئامال، ياخشى نەزەرىيە بولۇشتىن باشقا، يەنە ياخشى تۈزۈم، بولۇپمۇ قانۇن-تۈزۈم بولۇشى كېرەك.

  دۆلىتىمىزدە بالىلارغا قارىتا مەخسۇس قانۇن چىقىرىلدى. نۆۋەتتە، بۇلاردىن قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداش قانۇنى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش قانۇنى ۋە مەجبۇرىيەت مائارىپى قانۇنى بار، يەنە بەزى بالىلار پاراۋانلىقىغا مۇناسىۋەتلىك قانۇن-نىزام ۋە ئەدلىيەلىك چۈشەندۈرۈشلەر باشقا قانۇنلارغا چېچىلىپ ۋە تەۋە بولۇپ كەتكەن. مەسىلەن، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى ۋە جىنايى ئىشلار قانۇنى قاتارلىقلاردا چېلىقىدۇ. يۇقىرىقى قانۇنلار سىستېمىلىق، كەسپىي، مۇستەقىل بالىلار پاراۋانلىق قانۇن سىستېمىسىنىڭ شەكىللىنىشىگە نىسبەتەن يېتەرلىك ئەمەس. شۇڭا، بالىلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ئومۇميۈزلۈك قوغداش تەسكە توختاۋاتىدۇ. بىر قوللىنىشچانلىققا ئىگە بالىلار پاراۋانلىقى قانۇنىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىش دۆلەت مەسئۇلىيىتى ۋە سىياسەت سىستېمىسىنى كۈچەيتىپ، ئاتا-ئانىلارنىڭ بېقىش جاۋابكارلىقىنى ئايدىڭلاشتۇرۇشقا پايدىلىق، يەنە بالىلارنىڭ ياشاش ھوقۇقى، تەرەققىيات ھوقۇقى، ھاكىمىيەت ئىشلىرىغا قاتنىشىش ھوقۇقى ۋە قوغدىنىش ھوقۇقىنى ئومۇميۈزلۈك قوغدىغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر