باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئۆكتەبىردىن باشلاپ دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ

2017.03.07 17:16         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 7-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسىنىڭ ئابونتلار تېرمىنالى «گوۋۇيۈەن ئاخبارات جاكارچىسى»نىڭ ئۇچۇرىغا قارىغاندا، گوۋۇيۈەن ئاخبارات ئىشخانىسى تۆنۈگۈن گوۋۇيۈەننىڭ سىياسەتتىن خەۋەرلەندۈرۈش يىغىنى ئاچقان. يىغىندا ئۈچ چوڭ تىجارەت كارخانىسىنىڭ بۇ يىل 1-ئۆكتەبىردىن باشلاپ يان تېلېفون دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققىنى ئومۇميۈزلۈك بىكار قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

  جۇڭگو كۆچمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 1- ئۆكتەبىردىن باشلاپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، نۇقتىلىق يۆنىلىشلەرگە بولغان بىۋاسىتە خەلقئارالىق ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ. «بىر بەلباغ، بىر يول» دۆلەتلىرىگە بولغان ئۈن ۋە ئېقىم كەزمە مۇلازىمەت ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ، «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى 64 دۆلەت ۋە يۆنىلىشنىڭ ھەممىسىگە بولغان كەزمە مۇلازىمەت ئۈن ھەققى ھەر مىنۇتىغا 0.99 يۈەنگە تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  جۇڭگو بىرلەشمە خەۋەرلىشىش شىركىتى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 2017-يىلى 10-ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ، يانفون ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ؛ خەلقئارا ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى ۋە خەلقئارا كەزمە مۇلازىمەت ھەققى سەۋىيەسى يەنىمۇ تۆۋەنلىتىلىدۇ؛ ئوتتۇرا-كىچىك كارخانىلارغا يۈزلەنگەن ئالاقە تورى مەخسۇس لىنىيەسىنى ئۇلاش ھەققى زور دەرىجىدە تۆۋەنلىتىلىش بىلەن بىر ۋاقىتتا، G4 تور ئېقىمى بايلىقى تولۇق جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئۇچۇرلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىدىكى «بىر نۇقتىدا ئۇلىنىش ئارقىلىق پۈتۈن تورغا تايىنىش»تەك مۇلازىمەت ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، كەسىپ ھەمكارلىقى چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، كەسىپ مەھسۇلاتلىرىدا يېڭىلىق يارىتىلىپ، كەڭ ئىستېمالچىلارغا يېڭى، تېخىمۇ چوڭ خوشاللىقلار ئېلىپ كېلىنىدۇ.

  جۇڭگو تېلېگرافى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل 10-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يانفون دۆلەت ئىچى ئۇزۇن يوللۇق تېلېفونى ۋە كەزمە مۇلازىمەت ھەققى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلدىن قالدۇرۇلىدۇ. خەلقئارا ۋە شىياڭگاڭ-ئاۋمېن-تەيۋەن بىلەن بولغان ئۇزۇن يوللۇق سۆزلىشىش ھەققى تۆۋەنلىتىلىپ، بۇ يىل ئىچىدە شىمالىي ئامېرىكا، ياۋروپا، شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا ۋە «بىر بەلباغ، بىر يول» بويىدىكى يۆنىلىشلەرگە بولغان ئۇزۇن يوللۇق تېلېفون ھەققى تۆۋەنلىتىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر