خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 3-ئاينىڭ 4-كۈنى، سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پالمىرا قەدىمىي شەھىرىدە، مۇزىكا ئەترىتى ۋەيران قىلىنغان قەدىمكى رىمنىڭ ئۈستى ئوچۇق تەنتەربىيە مۇسابىقە مەيدانىدا ساز چالماقتا.
سۇرىيە ھەربىي تەرەپ 3-ئاينىڭ 2-كۈنى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ شۇ كۈنى سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى پالمىرا قەدىمىي شەھىرىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىدى. «ئىسلام دۆلىتى» 2015-يىلى 5-ئايدا پالمىرا شەھىرىنى ئىشغال قىلغان. بۇلتۇر 3-ئايدا، سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ قەدىمىي شەھەرنى قايتۇرۇۋالغانلىقىنى جاكارلىغان. بۇلتۇر 12-ئايدا، ھۆكۈمەت ئارمىيەسى ئەسكىرىي كۈچنى توپلاپ، شىمالىي قىسىمدىكى مۇھىم شەھەر ھەلەبنى قايتۇرۇۋېلىش مەزگىلىدە، «ئىسلام دۆلىتى» پالمىرا شەھىرىنى يەنە بىر قېتىم ئىشخال قىلغان. پالمىرا قەدىمىي شەھىرى سۇرىيە پايتەختى دەمەشىقنىڭ شەرقىي شىمالىغا 200 نەچچە كىلومېتىر كېلىدۇ، 2000 يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، 1980-يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ مائارىپ، پەن- مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى