باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 30 ماددىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقاردى

2017.02.27 15:32         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى 100كۈنلۈك تەتۈر ساناش مەزگىلىگە كىردى. 24-فېۋرال مائارىپ مىنىستىرلىقى 2017-يىللىق ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ھەققىدە ئۇقتۇرۇش چىقاردى. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ھەققىدە مائارىپ مىنىستىرلىقى ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىدە 30 خىل قىلمىشقا يول قويماسلىق ھەققىدىكى مەنئى قىلىش بۇيرۇقىنى چىقاردى ئۇنىڭدىن باشقا يەنە مەركەزدىكى تارماقلارغا قاراشلىق ئالىي مەكتەپلەردىن ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى ئىجتىمائىي مەسئۇلىيىتىنى پائال ئادا قىلىپ، ئۆلكە ئايرىپ ئوقۇغۇچى قوبۇللاش پىلانىنى بېكىتىپ، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە قوبۇللىنىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن ئۆلكىلەرگە ئېتىبار بېرىشنى تەلەپ قىلدى.

  مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى ئوتتۇرىغا قويدى: ئوتتۇرا ۋە غەربىي رايونلارغا ياردەم بېرىش ئوقۇغۇچى قوبۇللاش ھەمكارلىق پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، رايونلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش پۇرسىتىنىڭ ئادىللىقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز، نۇقتىلىق ئالىي مەكتەپلەرگە يېزا ۋە نامرات رايونلاردىن ئوقۇغۇچى قوبۇللاش مەخسۇس پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويىمىز ھەمدە جامائەت خەۋپسىزلىكى تارماقلىرى بىلەن بىرگە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى كۆچمەنلىرىنى ئۇنىۋېرسال تىزگىنلەشنى كۈچەيتىمىز. مائارىپ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مۇنداق دېدى: تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مائارىپنى ئومۇملاشتۇرۇش بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، ئوتتۇرا غەربىي رايونلاردىكى نامرات جايلار، مىللىي رايونلار، كونا ئىنقىلابىي تايانچ بازا رايونلىرىنى قوللاش كۈچىنى زورايتىپ، تولۇق ئوتتۇرا مائارىپى باسقۇچىدا مەكتەپكە كىرىش نىسبىتى بىرقەدەر تۆۋەن رايونلاردا ئومۇملاشتۇرۇش دەرىجىسىنى كۈچەپ ئاشۇرىمىز، ئوتتۇرا غەربىي رايونلار ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ھەمكارلىق پىلانىنى داۋاملىق يولغا قويۇپ، 2017-يىلى قوبۇل قىلىنىش نىسبىتى ئەڭ تۆۋەن ئۆلكىلەر بىلەن پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوتتۇرىچە سەۋىيەسى ئوتتۇرىسىدىكى پەرقنى كىچىكلىتىپ 4 پوئىنتقا چۈشۈرىمىز، تۇرۇش كىنىشكىسى ئاساس قىلىنغان، ئاتا ئانىلىرى بىلەن بىللە كەلگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى ئوقۇشقا كىرىش چارىسىنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ئالاقىدار ئۆلكە، شەھەرلەر، بولۇپمۇ ئالاھىدە چوڭ شەھەرلەرنى ئاتا ئانىلىرىغا ئەگىشىپ كەلگەن ئىشلەمچىلەر پەرزەنتلىرى شۇ جايدا ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىش سىياسىتىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، شەرتكە توشىدىغان ھەر بىر بالىنى باراۋەر ئىمتىھان ئارقىلىق قوبۇل قىلىنىش پۇرسىتىگە ئىگە قىلىمىز.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر