باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ سىياسىي كېڭەش يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىغاندا مۇنۇلارنى تەكىتلىدى:

ئېلىمىزدىكى زىيالىيلار مەسئۇلىيەتنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئاكتىپ بولۇپ، دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۆھپە قوشۇشى كېرەك

يۈ جېڭشېڭ يوقلاشتا بىللە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى

2017.03.05 14:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتنىشىپ، ئەزالارنىڭ پىكىر-تەكلىپلىرىنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئۇلۇغ ئىشلار بىزنىڭ بىلىمگە ۋە زىيالىيلارغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىمىزنى، زىيالىيلارنىڭ دۆلەتنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش، خەلقنى بەخت-سائادەتكە ئېرىشتۈرۈشكە تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇشىغا ئېھتىياجلىق بولىدىغانلىقىمىزنى بەلگىلىدى. ئېلىمىزدىكى كەڭ زىيالىيلار ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن تەخىرسىزلىك تۇيغۇسى، مەندىن باشقا كىم بار دېگەن مەسئۇلىيەت تۇيغۇسى بىلەن، تەشەببۇسكارلىق بىلەن زىممىسىگە ئېلىپ، ئاكتىپ بولۇپ، قېتىرقىنىپ ئىزدىنىپ، تىرىشىپ ئىشلەپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىش، دۇنيادىكى پەن-تېخنىكىدا كۈچلۈك دۆلەت قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يوقلاشتا بىللە بولدى ۋە مۇزاكىرىگە قاتناشتى.

  بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىدا، ياڭ ئەيشىڭ، خې ۋېي، ۋۇ ۋېيخۇا، جاۋ لىخۇڭ، چۇ فېڭخۇڭ، يىن خۇڭ، جىن فۇتيەن، جۇ جيەنمېن، جۇ فېڭ قاتارلىق توققۇز ئەزا، يېزا ئاساسىي قاتلامنى ئىدارە قىلىشنى كۈچەيتىش، ئۇنىۋېرسال دوختۇرلار قوشۇنىنى زورايتىش، يېزا ئىگىلىكىگە تولۇقلىما بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى تىزلىتىش، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ خەلقئارادىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش، ساغلاملىق بويىچە نامراتلارنى يۆلەش خىزمىتىگە ئەھمىيەت بېرىش، ئاساسىي مائارىپ يۈكىنى يېنىكلىتىپ، سۈپەتنى ئۆستۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۇپراقنىڭ بۇلغىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تىزگىنلەش تۈزۈمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، چوڭ قۇرۇلۇشلاردا ئىلىم-پەن يولىدا چىڭ تۇرۇش قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  شى جىنپىڭ كۆپچىلىكنىڭ سۆزىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن مۇھىم سۆز قىلدى. ئۇ جۇڭگو دېموكراتىيەنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى، جۇڭگو دېھقان-ئىشچىلار دېموكراتىك پارتىيەسى، «3-سېنتەبىر» ئىلمىي جەمئىيىتىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىغىلى كېلىپ، كۆپچىلىك بىلەن مۇزاكىرىدە بىللە بولۇپ، پىكىر ئالماشتۇرغانلىقىدىن ناھايىتى خۇش بولغانلىقىنى بىلدۈردى. شى جىنپىڭ ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىغا ۋاكالىتەن، گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشقان ئەزالاردىن، دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھ ئەزالىرى ۋە پارتىيە-گۇرۇھسىز زاتلاردىن، سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىدىن سەمىمىي ھال سورىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر