باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان ئەزالارنى يوقلىدى ۋە ئۇلارنىڭ مۇزاكىرىسىگە قاتناشتى

2017.03.05 14:07         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ كومىتېت باشلىقى جاڭ دېجياڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى ليۇ يۈنشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ۋاڭ چىشەن، ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى جاڭ گاۋلىلار 4-مارت ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنى يوقلىدى ۋە گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىگە قاتنىشىپ، كۆپچىلىك بىلەن بىرلىكتە دۆلەت ئىشلىرى ئۈستىدە كېڭەشتى.

  لى كېچياڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن ئىقتىساد، يېزا ئىگىلىك ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا، لى يىنىڭ، جاڭ شۆۋۇ، رېن يۇڭ قاتارلىق ئەزالار مۈلۈك ھوقۇقىنى قوغداش، جۇڭگو كەسپىنى زورايتىش ۋە كۈچەيتىش، يېزىلارنىڭ يەر تۈزۈمى ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ سۆز قىلدى.

  جاڭ دېجياڭ 4-مارت چۈشتىن كېيىن شياڭگاڭ، ئاۋمېن رايونىدىكى مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش ئەزالىرىنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. يۈ گوچۈن، ياڭ جۈنۋېن، لياڭ لياڭشېڭ قاتارلىق ئەزالارنىڭ سۆزىنى ئەستايىدىل ئاڭلىغاندىن كېيىن، جاڭ دېجياڭ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ئېلىمىز تۈرلۈك خىزمەتلەردە يېڭى، زور نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى، خەلقئارادىكى ئورنى ۋە تەسىرى ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى، بۇ نەتىجىلەر ئاسان قولغا كەلمىدى.

  يۈ جېڭشېڭ 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن ئىجتىمائىي پەن، ئاخبارات-نەشرىيات ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. ۋاڭ زىخاۋ، جاڭ شۇخۇا، خۇاڭ گوجۇ قاتارلىق ئەزالار پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەنلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش، جامائەت پىكرى ئارقىلىق يېتەكلەش يېڭى ئەندىزىسى بەرپا قىلىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى، يىغىن كەيپىياتى جانلىق بولدى.

  ليۇ يۈنشەن 4-مارت چۈشتىن كېيىن ئەدەبىيات-سەنئەت ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى. فېڭ يۈەن، ليۇ يۈنجى، خې شياڭجيۇ قاتارلىق ئەزالار مەدەنىيەت ئىشەنچىسىنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت ئىختىساسلىقلىرىنى تەربىيەلەش، مەدەنىيەت جەھەتتە نامراتلارنى يۆلەشكە ئەھمىيەت بېرىش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ تەكلىپ بەردى.

  ۋاڭ چىشەن 4-مارت چۈشتىن كېيىن كوممۇنىستىك ياشلار ئىتتىپاقى، باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى، ئاياللار بىرلەشمىسى، ياشلار بىرلەشمىسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

  جاڭ گاۋلى 4-مارت چۈشتىن كېيىن جۇڭگو ئادالەتچىلەر پارتىيەسى، مۇھاجىرلار بىرلەشمىسى، تاشقى دوستلۇق ساھەسىدىكى ئەزالارنىڭ بىرلەشمە گۇرۇپپا يىغىنىغا قاتناشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر