باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» نى بۇ يىل مەملىكەت بويىچە ئومۇملاشتۇرۇش خىزمىتى كېيىنكى ئايدا باشلىنىدۇ

2017.03.01 17:41         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 28-فېۋرال ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش خىزمىتى ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم «2016-يىللىق جۇڭگو ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى راۋاجلاندۇرۇش دوكلاتى» نى ئېلان قىلدى. مۇخبىرنىڭ ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ يىل، ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش مېخانىزمى پۈتۈن مەملىكەت مىقياسىدا ئومۇملاشتۇرۇلىدىكەن. تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ باسقۇچىدىكى مەبلەغ ياردىمىگە ئېرىشكەن ئوقۇغۇچىلار ئالىي مەكتەپكە ئىمتىھان بېرىپ ئۆتكەندىن كېيىن، دۆلەت ئوقۇش ياردەم قەرزىگە توسالغۇسىز ئېرىشەلەيدۇ.

  مەملىكەتلىك ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىشنى باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ مۇدىرى تيەن زۇيىن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئەھۋال تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2016-يىلى، دۆلەت ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى، تۈرلۈك مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسەتلىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈپ، «ياردەمگە ئېرىشكۈچى ئوقۇغۇچىلار كۆلىمى»، «مەبلەغ ئومۇمىي سوممىسى»، «مالىيە سېلىنمىسى»، «مەكتەپ، جەمئىيەت سېلىنمىسى»، «تۆتنى ئاشۇرۇش» ئىشقا ئاشۇرۇلدى.

  2016-يىلى، مەملىكەت بويىچە ئوقۇش يېشىغا توشمىغانلار مائارىپى (يەسلى)، مەجبۇرىيەت مائارىپى، ئوتتۇرا، كەسپىي تېخنىكوم مەكتەپلىرى، ئادەتتىكى تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەر ۋە ئادەتتىكى ئالىي مەكتەپلەردىكى 91 مىليون 261 مىڭ 400 ئوقۇغۇچىغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6 مىليون 928 مىڭ 700 ئوقۇغۇچى كۆپەيدى؛ جەمئىي 168 مىليارد 867 مىليون يۈەن ياردەم بېرىلگەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 12 مىليارد 851 مىليون يۈەن ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى %8.24 بولدى. 2007-يىلى، ئېلىمىزدە دۆلەت ئوقۇغۇچىلارغا مەبلەغ جەھەتتىن ياردەم بېرىش سىياسىتى سىستېمىسى زور كۈچ بىلەن بەرپا قىلىنغاندىن بۇيان، ياردەم بېرىلىدىغان مەبلەغ ئۇدا 10 يىل سىجىل تېز ئاشتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر