باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

2017.03.06 16:26   مەنبە: خەلق تورى

12–نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5–يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى 5-مارت چۈشتىن بۇرۇن «خەلق» سارىيىدا ئېچىلدى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەرگەندە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: بۇرچنىڭ قىممىتى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىشتا، ئەمەلىي ئىشلىگەندە پارلاق نەتىجىلەرنى ياراتقىلى بولىدۇ. بىز يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە يول ئېچىپ ئىلگىرىلەپ، بۇ يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تىرىشىپ ئورۇنداپ، «ئىككى 100 يىل»لىق ئۇلۇغۋار نىشانغا يېتىش، باي، قۇدرەتلىك، دېموكراتىك، مەدەنىي، ئىناق سوتسىيالىستىك زامانىۋى دۆلەت قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى روياپقا چىقىرىش ئۈچۈن بوشاشماي كۈرەش قىلىشىمىز كېرەك.

  بۈگۈن «خەلق» سارىيى تەنتەنە ۋە قاينام – تاشقىنلىققا چۆمگەنىدى. 10 مىڭ كىشىلىك بۇ كاتتا زالدا چىراغلار چاقناپ تۇراتتى. رەئىس سەھنىسىنىڭ ئوتتۇرىسىغا دۆلەت گېربى ئېسىلغان، ئون قىزىل بايراق دۆلەت گېربىنىڭ ئىككى تەرىپىگە تىزىلغانىدى. مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 3000غا يېقىن ۋەكىلى خەلقنىڭ زور ئۈمىدىنى قەلبىگە پۈكۈپ، بۇ كاتتا يىغىنغا قاتنىشىپ، ئاساسىي قانۇن ۋە قانۇنلاردا بېرىلگەن مۇقەددەس بۇرچىنى ئەستايىدىل ئادا قىلىدۇ.

  يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسى جاڭ دېجياڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى. يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ دائىمىي رەئىسى، ئىجرائىيە رەئىسلىرىدىن لى جيەنگو، ۋاڭ شېڭجۈن، چېن چاڭجى، يەن جۈنچى، ۋاڭ چېن، شېن يۆيۆ، جى بىڭشۈەن، جاڭ پىڭ، شياڭباپىڭسو، ئەركىن ئىمىرباقى، ۋەن ئېشياڭ، جاڭ باۋۋېن، چېن جۇ رەئىس سەھنىسىنىڭ ئىجرائىيە رەئىسلىرى ئورنىدىن ئورۇن ئالدى.

  شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلى ۋە يىغىن ھەيئەت رىياسىتىنىڭ ئەزالىرى رەئىس سەھنىسىدىن ئورۇن ئالدى.

  12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىغا قاتنىشىشقا تېگىشلىك ۋەكىل 2924 كىشى. بۈگۈنكى يىغىنغا قاتناشقىنى 2862 كىشى بولۇپ، قاتنىشالمىغىنى 62 كىشى، يىغىنغا قاتناشقانلارنىڭ سانى قانۇندا بېكىتىلگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00دا جاڭ دېجياڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى. ھەممەيلەن ئورنىدىن تۇرۇپ، دۆلەت شېئىرىنى جاراڭلىق ئوقۇدى.

  يىغىن قارالمىسىغا ئاساسەن، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ گوۋۇيۈەنگە ۋاكالىتەن يىغىنغا ھۆكۈمەت خىزمىتىدىن دوكلات بەردى. دوكلات جەمئىي 2016-يىللىق خىزمەتلەرگە نەزەر؛ 2017-يىللىق خىزمەتلەر توغرىسىدا ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرما؛ 2017-يىللىق نۇقتىلىق خىزمەت ۋەزىپىلىرى قاتارلىق ئۈچ قىسىمغا بۆلۈنگەن.

  لى كېچياڭ مۇنداق دېدى: ئۆتكەن بىر يىلدا ئېلىمىزنىڭ تەرەققىياتى ئىچكى-تاشقى نۇرغۇن زىددىيەتلەر گىرەلەشكەن، يوشۇرۇن خەۋپ-خەتەر گىرەلىشىپ كېتىشتەك ئېغىر خىرىسقا دۇچ كەلدى. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق قىيىنچىلىققا قارشى ئاتلىنىپ، جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ، ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي ئىشلارنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 6-ئومۇمىي يىغىنىدا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يادرولۇق ئورنى رەسمىي ئايدىڭلاشتۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە خەلقنىڭ تۈپ مەنپەئىتى نامايان قىلىندى. بۇ، پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ گۈللىنىپ تەرەققىي قىلىشىدا، ئەبەدىي ئەمىنلىككە كاپالەتلىك قىلىشتا ئىنتايىن مۇھىم ھەم چوڭقۇر ئەھمىيەتكە ئىگە. جايلار، تارماقلار سىياسىي ئاڭ، ئومۇمىيەت ئېڭى، يادرو ئېڭى، بىردەكلىك ئېڭىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتا يېڭى مۇھىم ئىلگىرىلەشلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا زور قەدەم تاشلاپ، دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قانۇن بويىچە ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىياتنىڭ ئاساسىي نىشان-ۋەزىپىلىرىنى تولۇق مۇۋەپپەقىيەتلىك ئورۇنداپ، 13-بەش يىللىق يىرىك پىلاننى ئورۇنداشتا ئىشنى ياخشى باشلىدى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى

【1】 【2】 【3】 【4】 

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: دەرستىن كېيىنكى مۇلازىمەتنى كوللېكتىپ ئوقۇتۇش پائالىيىتىگە ياكى «دەرس تولۇقلا…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى چېن باۋشېڭ مائارىپنىڭ ھەرقايسى ئوقۇش باسقۇچلىرىنى جۇڭخۇانىڭ ئېسىل…
    ·1 مىليون 290 مىڭ يېزا ئوقۇتقۇچىسى تۇرمۇش ياردەم پۇلىغا ئېرىشتى
    ·ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدى…
    ·دۆلەت ئوقۇش ياردەم پۇلى قەرزىنى «تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپتە ئالدىن ئىلتىماس قىلىش» نى بۇ يىل مەملىكەت ب…
    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 30 ماددىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقار…
    ·19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەردە بۇ يىل بارلىق  باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەرنى ئالاقە تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى …
    ·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)