خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6- مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 5-مارت، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىنغا قاتنىشىۋاتقان مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئاپتونوم رايونىمىزدىكى ئەزالىرى نەزەرىنى شىنجاڭنىڭ تاغ-دەريالىرىغا تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ ئېكولوگىيەلىك مۇھىتىنى قوغداش ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بەردى.
ئەزا جياڭ پىڭئەن ئايدىڭكۆل توغرىلىق تەكلىپ بەردى.
«ئايدىڭكۆل ئېكولوگىيەلىك رايونى ئىچىدىكى تۇرپان شەھىرى قەدىمكى يىپەك يولى مەدەنىيىتىنىڭ مۇھىم بۆشۈكى، ھازىرقى ‹بىر بەلباغ، بىر يول› سىياسىتىنى يولغا قويۇشتىكى مۇھىم تۈگۈن، تۇرپاننىڭ كارىزى جۇڭگونىڭ قەدىمكى زاماندىكى ئۈچ چوڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىرى، تۇرپان شەھىرى بولسا دۇنيادىكى داڭلىق ساياھەت شەھەرلىرىنىڭ بىرى ھەمدە دۆلىتىمىزدىكى مۇھىم مېۋە-چېۋە ئىشلەپچىقىرىش بازىسى. ئايدىڭكۆلنى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش ۋە قوغداشنىڭ ئەھمىيىتى چوڭ، ئېكولوگىيەلىك تۈزەش ۋە قوغداش قۇرۇلۇشىدا يەنە قىلىشقا تېگىشلىك نۇرغۇن ئىشلار بار،»- ئەزا جياڭ پىڭئەن تونۇشتۇرۇپ شۇنداق دېدى.
ئەزا جياڭ پىڭئەن «ئايدىڭكۆلنى ئېكولوگىيەلىك تۈزەش ۋە قوغداش پىلانى»نى مۇھىم تۈر سۈپىتىدە دۆلەتنىڭ ئالاقىدار يىرىك پىلانىغا كىرگۈزۈش ۋە تېز تەستىقلاپ يولغا قويۇش تەكلىپىنى بەردى.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى