باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

نەق مەيدان خاتىرىسى: 70 مىنۇتلۇق ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فۇ يىڭ «قانۇن» ھەققىدە توققۇز قېتىم توختالدى

2017.03.05 14:18         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 5-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 5-يىغىنى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى 4-مارت چۈشتىن بۇرۇن سائەت 11 دە خەلق سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. چاچلىرى ئاقارغان، يارىشىملىق سېرىق كىيىم كىيگەن يىغىن مۇئاۋىن باش كاتىپى، ئاخبارات باياناتچىسى فۇ يىڭ ئىللىق تەبەسسۇمى بىلەن ئاخبارات بايانات زالىغا دەل ۋاقتىدا كىرىپ، جۇڭگو ۋە چەتئەل تاراتقۇلىرىغا بۇ قېتىمقى يىغىننىڭ ئالاقىدار ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇخبىرلارنىڭ سوئالىغا جاۋاب بەردى.

  15 سوئالنىڭ توققۇزىدا «قانۇن» تىلغا ئېلىندى

  قانۇن چىقىرىش مەسىلىسى ئەزەلدىن تاراتقۇلار كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا. 70 مىنۇتتا، فۇ يىڭ مۇخبىرلارنىڭ 15 سوئالىغا جاۋاب بەردى، بۇنىڭ توققۇزىدا «قانۇن» ئۈستىدە توختالدى.

  ھەق تەلەپ قانۇن كودېكسى بىر دۆلەت ئۈچۈن ئېيتقاندا، ھەق تەلەپ ئىشلىرى ساھەسىنىڭ نېگىزلىك چوڭ قانۇنى. بۇ يىل، ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسى لايىھەسى يىغىننىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدۇ. بۇ ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنىڭ زادى قايسى يېڭى ئالاھىدىلىكلىرى بار؟ شۈبھىسىزكى، بۇ، جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان مۇھىم نۇقتا.

  ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا، فۇ يىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەق تەلەپ قانۇنىنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى بېكىتكەندە، نۇرغۇن يېڭىدىن تەڭشەش ۋە يېڭىلىق يارىتىش بولغان، يېزىلاردىكى ئۆيدە قالغان بالىلار مەسىلىسى، جەمئىيەتتە ياشانغانلار كۆپىيىش قاتارلىق يېڭى مەسىلىلەر زور كۈچ بىلەن ھەل قىلىنىدۇ ھەم قورامىغا يەتمىگەنلەرنى قوغداشقا تېخىمۇ ئەھمىيەت بېرىلىدۇ.

  ئۆي-مۈلۈك بېجى، ئاكسىيە قانۇنى، تور خەۋپسىزلىكى قانۇنى قاتارلىق جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلىدىغان باشقا مەسىلىلەر ئۈستىدە فۇ يىڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى قانۇن-تۈزۈمنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، قانۇننىڭ ئۈنۈملۈك يولغا قويۇلىشىنى نازارەت قىلىپ، قانۇن ئىدارە قىلىش تەپەككۇرى ۋە قانۇن-تۈزۈم شەكلى ئارقىلىق دۆلەتنى باشقۇرۇشنى يەنىمۇ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.

  مۇخبىرنىڭ ئىستاتىستىكىسىغا ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەسىلىنىڭ %60 ى ئېلىمىزنىڭ قانۇن-تۈزۈم قۇرۇلۇشىغا چېتىلىدىكەن. فۇ يىڭ مۇنداق دېدى: ھازىر يېڭى تېخنىكا، يېڭى سودا ئەندىزىسىنىڭ تەرەققىياتى ناھايىتى تېز بولۇپ، قانۇن چىقىرىشقا يېڭى خىرىس ئېلىپ كەلدى، بىز قانۇن-تۈزۈملىرىمىزنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، دەۋر تەرەققىياتىنىڭ ئېھتىياجىغا ماسلىشىشىمىز كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر