باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەردە بۇ يىل بارلىق باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىشقا ئاشۇرۇلىدۇ

تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتى %5 تىن ئېشىپ كەتمەسلىكى كېرەك

2017.02.23 14:38         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى. يېقىندا، مائارىپ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى «2017-يىللىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «ئۇقتۇرۇش» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقىتىپ مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: 2017-يىلى، مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىكتىن يۇقىرى 19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەرنىڭ ھەرقايسى رايون (ناھىيە) لىرىدىكى %100 باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويىچە ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ھەر بىر تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتىكى %95 تىن يۇقىرى ئوقۇغۇچى مەنبەسى ئەتراپتىكى مەكتەپلەردە ئوقۇش شەكلى بېكىتىلدى. بۇ 19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەر تۆت بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەر (بېيجىڭ، تيەنجىن، شاڭخەي، چۇڭچىڭ)، پىلانى ئايرىم بەش شەھەر (داليەن، نىڭبو، شيامېن، چىڭداۋ، شېنجېن) ۋە مۇئاۋىن ئۆلكە دەرىجىلىك، ئۆلكە مەركىزى بولغان 10 شەھەر (شېنياڭ، چاڭچۈن، خاربىن، نەنجىڭ، خاڭجۇ، جىنەن، ۋۇخەن، گۇاڭجۇ، چېڭدۇ، شىئەن) نى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. تەستىقلانغان تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرنىڭ ئالاھىدىلىكى بار ئوقۇغۇچىلارنى قوبۇل قىلىش نىسبىتىنى رايون (ناھىيە)لەرگە قوبۇل قىلىنغان ئومۇمىي ئوقۇغۇچى سانىنىڭ %5 ى ئىچىدە كونترول قىلىش كېرەك.

  «ئوقۇش رايونىدىكى ئۆي» قىزغىنلىقى ئەھۋالىغا قارىتا، مائارىپ مىنىستىرلىقى مۇنۇلارنى تەلەپ قىلدى: جايلار مائارىپ بايلىقىنى سەپلىشى تازا تەكشى بولمىغان، ئاممىنىڭ مەكتەپ تاللىشى قىزغىنلىقى كۈچلۈك، «ئوقۇش رايونىدىكى ئۆي» مەسىلىسى گەۋدىلىك جايلاردا، كۆپ مەكتەپ رايونى ئايرىشنى مۇۋاپىق ئىلگىرى سۈرۈپ، يېڭى، كونا مەكتەپ رايونىنىڭ ئۆزگىرىشىدە مۇۋاپىق ئۆتكۈنچى مۇددەت بەلگىلەش كېرەك. ئەلا سۈپەتلىك تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆرسەتكۈچىنى رايون ئىچى تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپلەرگە تەقسىملەش نىسبىتىنى %50 تىن ئاشۇرۇۋەتمەسلىك تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ھەم ئاجىز مەكتەپلەر ۋە يېزا مەكتەپلىرىگە مايىللاشتۇرۇش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر