باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئەڭ چوڭ مەنزىلىگە ئايلاندى

2017.03.02 15:13         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى 2-مارت ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيانقى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ چېگرىدىن كىرىش-چىقىش خىزمىتىگە ئالاقىدار ئەھۋاللارنى تونۇشتۇردى. سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغان ۋە چەتئەلدىن ئېلىمىزگە كېلىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانى ماس قەدەمدە ئېشىپ، ئېلىمىز دۇنيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنى چىقىرىشتىكى ئەڭ چوڭ دۆلەت ۋە ئاسىيادىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ مۇھىم مەنزىلىگە ئايلاندى.

  ئېلان قىلىنغان سانلىق مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، 2016-يىلى، ئېلىمىزدىن چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار ئومۇمىي سانى 544 مىڭ 500 كىشى، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ ئومۇمىي سانى 432 مىڭ 500 كىشى بولۇپ، چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلار ۋە ۋەتەنگە قايتقانلارنىڭ نىسبىتى 2012-يىلىدىكى 1.46:1 دىن 2016-يىلىدىكى 1.26:1 گە چۈشۈپ، چەتئەلدە ئوقۇپ ۋەتەنگە قايتقانلار ۋە چەتئەلگە چىقىپ ئوقۇغانلارنىڭ سانىدىكى «تەتۈر پەرق» تەدرىجى كىچىكلىدى. تولۇقسىز مەلۇماتقا ئاساسلانغاندا، چەتئەلدە ئوقۇشقا بارغان %80 ئوقۇغۇچى ئوقۇش پۈتكۈزگەندىن كېيىن ۋەتەنگە قايتىپ تەرەققىي قىلىش يولىنى تاللىغان.

  رايون تارقىلىشى جەھەتتە، ئېلىمىزدىكى چەتئەلدە ئوقۇيدىغانلارنىڭ ئوقۇش مەنزىلى نىسبەتەن مەزكەزلەشكەن. 2016-يىلى، چەتئەلدە ئوقۇيدىغان %90 ئوقۇغۇچى ئامېرىكا، ئەنگلىيە، ئاۋسترالىيە قاتارلىق 10 دۆلەتكە بېرىپ ئوقۇغان. ئوقۇش تارىخى قاتلىمىدىن قارىغاندا، 2016-يىلى، ئېلىمىزدىكى چەتئەلدە ئوقۇغانلاردىن تولۇق كۇرستىن يۇقىرى ئوقۇش تارىخىغا ئىگە ئوقۇغۇچىلار %70 نى ئىگىلەيدىكەن.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر