باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

ئۈرۈمچى شەھىرى ئىككى نۆۋەتلىك يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملەش خىزمىتىنى باشلايدۇ

مۇۋاپىق ياشتىكى بالىلارنى يېقىن ئەتراپتىكى ۋاكسىنا ئەملەش ئورۇنلىرىغا ئاپىرىپ ھەقسىز ئەملەتسە بولىدۇ

2017.03.01 17:51         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 28-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، ئۈرۈمچى شەھىرى 3-ئاينىڭ 6-كۈنىدىن 10-كۈنىگىچە، 4-ئاينىڭ 10-كۈنىدىن 14-كۈنىگىچە، ئىككى نۆۋەتلىك يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى تولۇقلاپ ئىممۇنىتېتلاش خىزمىتىنى باشلايدىكەن. ھازىر ئۈرۈمچى شەھىرىدە تۇرۇشلۇق (2013-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2016-يىلى 12-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە تۇغۇلغان) بالىلارنىڭ تۇغۇلغان يېرى مەيلى قەيەردە بولۇشى، ئاۋۋالقى ئىممۇنىتېتلاش تارىخى مەيلى قانداق بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، ھەممىسى يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسى (تۆۋەندە ۋاكسىنا دەپ ئاتىلىدۇ) ئەملىتىشى زۆرۈر ئىكەن.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، بۇرۇن شەھەر ئاھالىلىرى ئىستېمال قىلغان «شېكەر كومىلىچى» __ ئىلمىي نامى ئۈچ ۋالېنتلىق زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى تىرىك ۋاكسىنىسى ئاساسلىقى يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى (بالىلاردىكى پالەچلىك كېسىلى)نىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن ئىشلىتىلەتتى. دۆلەتنىڭ بىر تۇتاش ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئۈرۈمچى شەھىرىدە 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، ئەسلىدىكى ئۈچ ۋالېنتلىق زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى تىرىك ۋاكسىنىسى (شېكەر كومىلىچى)نى بېرىش توختىتىلىپ، ۋاكسىنا ئوكۇلى ئۇرۇش ياكى ۋاكسىنا سۇيۇقلۇقىنى ئىچكۈزۈشكە ئۆزگەرتىلدى، يەنى (يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ئاكتىپسىزلاشتۇرۇلغان ۋاكسىنا ئوكۇلىدىن بىر قېتىم + ئىككى ۋالېنتلىق زەھىرى ئاجىزلاشتۇرۇلغان يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى تىرىك ۋاكسىنىسىدىن ئۈچ قېتىم) نى كۆرسىتىدۇ، ئوخشاشلا ھەقسىز ئەملىتىلىدۇ.

  ئۈرۈمچى شەھەرلىك كېسەللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش، كونترول قىلىش مەركىزى ئىممۇنىتېت پىلان بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ پېيشىڭ مۇنداق دېدى: «بالىلارغا نىسبەتەن بۇ قېتىملىق ۋاكسىنا ئەملەش ئۇسۇلىدا ئۆزگىرىش بولدى، بىر قېتىممۇ يۇلۇن سۈر ماددا ياللۇغى ۋاكسىنىسىنى ئەملىتىپ باقمىغان بالىلارغا يەنى (نۆل دورا قېتىم مىقدارى)غا نىسبەتەن، ۋاكسىىنا ئوكۇلى ئۇرۇش ئارقىلىق ئەملىنىدۇ. ئادەتتە يۇلۇن سۈر ماددىسى ياللۇغى ۋاكسىنىسى ئەملىتىپ باققان بالىلارغا ۋاكسىنا سۇيۇقلۇقى ئىچكۈزۈش ئارقىلىق ئەملىنىدۇ. شۇڭا ۋاكسىنا ئەملەتكەندە، ئاتا-ئانىلار چوقۇم بالىلارنىڭ ۋاكسىنا ئەملىتىش دەپتىرىنى ئېلىۋېلىشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر