باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى

2017.03.01 17:04   مەنبە: خەلق تورى

سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى يېپىلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 1-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19-قېتىملىق يىغىنى 28-فېۋرال چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا يېپىلدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى يۈ جېڭشېڭ يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ۋە سۆز قىلدى.

  يۈ جېڭشېڭ مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: 2017-يىلى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ 19-قۇرۇلتىيى ئېچىلىدۇ. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنى كۈتۈۋېلىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىغا مۇلازىمەت قىلىش، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىشنى پۈتۈن يىللىق مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە قىلىپ، فۇنكسىيەسىنى ئادا قىلىشنى خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنىڭ پۈتۈن جەريانىغا ۋە ھەر قايسى تەرەپلىرىدە ئەمەلىيلەشتۈرۈشى، پارتىيە 19-قۇرۇلتىيىنىڭ غەلىبىلىك ئېچىلىشى ئۈچۈن ياخشى ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىشى كېرەك.

  يىغىندا، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قارالما لايىھەسى ۋە كۈن تەرتىپى، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇلىدىغان سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتى ۋە سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 4-يىغىنىدىن بۇيانقى تەكلىپ خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات، سىياسىي كېڭەش مەملىكەتلىك 12-نۆۋەتلىك كومىتېتى 5-يىغىنىنىڭ باش كاتىپى، مۇئاۋىن باش كاتىپلىرىنىڭ تىزىملىكى ماقۇللاندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

 سۈرەتلەر

  •  تەۋسىيە

    ·ئاپتونوم رايونىمىزدىكى بارلىق يەسلى، باشلانغۇچ ۋە ئوتتۇرا مەكتەپلەردە ئەتىگەنلىك (چۈشلۈك) سالامەتلى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىشتىكى 30 ماددىلىق چەكلەش بۇيرۇقىنى چىقار…
    ·19 نۇقتىلىق چوڭ شەھەردە بۇ يىل بارلىق  باشلانغۇچ مەكتەپتە، %95 تولۇقسىز ئوتتۇرا مەكتەپتە رايون بويى…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى بۇ يىل شارائىتى يار بەرگەن مەكتەپلەرنى ئالاقە تورى بىلەن ئومۇميۈزلۈك قاپلاشنى …
    ·30 مىليوندىن ئارتۇق ئىستۇدېنتنى باشقۇرۇشقا يېڭى قائىدە چىقىرىلدى (سىياسەتتىن يەشمە)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى: باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئىلىم-پەن دەرسلىرى باشقىدىن تەڭشىلىپ، 1- يىللىقتىن باشلاپ…
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئولتۇراقلىشىش كېنىشكىسىنى ئۆلچەم قىلغان ئاتا-ئانىسى بىلەن بىللە كەلگەن پەرزەنت…
    ·ئۈرۈمچىدىكى 470 مىڭ ئوتتۇرا–باشلانغۇچ مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرىغا 13-چېسلا ئوقۇش باشلاندى
    ·شىنجاڭ 2017- يىللىق ماگىستىر ئاسپىرانتلىققا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھان نەت…
    ·ئاقسۇ ۋىلايىتىدە يېڭىدىن 668 يەسلى سېلىنىدۇ