- مۇھىم
- مەملىكەت
- شىنجاڭ
- خەلقئارا
سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى قەدىمى شەھەر بارمىلاغا يېقىنلاشتى
2017.03.01 14:07 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
سۇرىيە ئارمىيەسى 27-فېۋرال، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭ ئەسەبىي تەشكىلات ئىسلام دۆلىتى كونترول قىلغان سۇرىيەنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى قەدىمىي شەھەر بارمىلاغا يېقىنلاشقانلىقىنى بىلدۈردى.
باش ئىشتابى ئەنگلىيەنىڭ لوندوندا تەسىس قىلىنغان سۇرىيەنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى نازارەت قىلىش تەشكىلاتى 27- فېۋرال مۇنداق دېدى: سۇرىيە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بۇ يىل 1- ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرى بارمىلانى قايتۇرۇۋېلىش ھەربىي ھەرىكىتىنى باشلىدى، نۆۋەتتە ھۆكۈمەت ئارمىيەسى بارمىلاغا نەچچە ئون كىلومېتىرلا قالدى. قەدىمىي شەھەر بارمىلا سۇرىيەنىڭ پايتەختى دەمەشقنىڭ شەرقىي شىمالىغا 200 كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، 2 مىڭ يىلدىن كۆپرەك تارىخقا ئىگە، 1980- يىلى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى مائارىپ پەن مەدەنىيەت تەشكىلاتى تەرىپىدىن دۇنيا مەدەنىيەت مىراسلىرى تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلگەن.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى
بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
ئالاقىدار خەۋەرلەر