باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

«مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى» ئېلان قىلىندى

2017.02.28 14:32         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 675-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، «مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش نىزامى»نى ئېلان قىلدى، «نىزام» 2017-يىلى 7-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  ئېلىمىزدە ھازىر تەخمىنەن 85 مىليون مېيىپ بار، مېيىپلارنى ھاللىق سەۋىيەگە يەتكۈزۈش ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ كەم بولسا بولمايدىغان بىر قىسمى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىگە ئېرىشكەن بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات سەۋىيەسىگە نىسبەتەن يەنىلا ئارقىدا بولۇپ، پۈتۈن جەمئىيەتنىڭ مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا ئەھمىيەت بېرىش دەرىجىسى، مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشى، مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش خىزمىتىنى قوللاش ۋە تەشۋىق قىلىش سالمىقى جەھەتلەردە يەنىلا بىر قىسىم مەسىلە ۋە يېتەرسىزلىكلەر ساقلانماقتا. يۇقىرىقى مەسىلىلەرنى تۈزۈم قاتلىمى جەھەتتىن ھەل قىلىپ، ئېلىمىزنىڭ مېيىپلىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە مېيىپلارنىڭ سالامەتلىكىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش ئىشلىرىنى سىجىل، ساغلام، تەرەققىي قىلدۇرۇش ئۈچۈن بۇ «نىزام» تۈزۈلدى. «نىزام» ئالتە باب 36 ماددىدىن تەركىب تاپتى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر