باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭ گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالىدى

تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مېيىپلار مائارىپى نىزامى» ئېلان قىلىندى

2017.02.24 14:05         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ يېقىندا 674-نومۇرلۇق گوۋۇيۈەن پەرمانى ئىمزالاپ، تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «مېيىپلار مائارىپى نىزامى»نى ئېلان قىلدى، 2017-يىلى 5-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.

  1994- يىلى ئېلان قىلىنىپ يولغا قويۇلغان «نىزام» مېيىپلارنىڭ تەربىيەلىنىش ھوقۇقىنى كاپالەتلەندۈرۈش، مېيىپلار مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينىدى. ئىقتىسادىي، ئىجتىمائىي تەرەققىيات ۋە مائارىپ ئىسلاھاتىنىڭ چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، مائارىپنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەدرىجىي ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، مېيىپلار مائارىپىنى باشقا مائارىپلار بىلەن سېلىشتۇرغاندا يەنىلا بىر قەدەر ئاجىز بولدى. تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن «نىزام»دا مېيىپلار مائارىپىنىڭ تەرەققىيات نىشانى ۋە ئىدىيەسى، ئوقۇشقا كىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى، ئوقۇش قائىدىسى، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى شۇنداقلا كاپالەتلىك قىلىش ۋە ياردەم بېرىش جەھەتلىرىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈلۈپ، ئالاقىدار تۈزۈملەر مۇكەممەللەشتۈرۈلدى.

  «نىزام»دا، مېيىپلار مائارىپ ئىشلىرى تەرەققىياتىنىڭ نىشانى ۋە ئىدىيەسى تەڭشىلىپ، مېيىپلار مائارىپ ئىشلىرىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتا مەجبۇرىيەت مائارىپىغا كاپالەتلىك قىلىپ، كەسپىي مائارىپنى نۇقتىلىق راۋاجلاندۇرۇپ، يەسلى مائارىپىنى پائال قانات يايدۇرۇپ، يۇقىرى ۋە ئوتتۇرا دەرىجىلىكتىن يۇقىرى مائارىپنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇرۇش؛ مېيىپلار مائارىپىنىڭ ئوقۇتۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، بىرىكمە مائارىپنى پائال ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدى بىلەن ئادەتتىكى مائارىپ شەكلىنى قوللىنىش بەلگىلەندى.

  «نىزام»دا، مېيىپلارنىڭ ئوقۇشقا كىرىش ئورۇنلاشتۇرۇشى مۇكەممەللەشتۈرۈلۈپ، ئالاھىدە مائارىپ بايلىقىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ئورۇنلاشتۇرۇپ، مېيىپ بالىلار، ئۆسمۈرلەرنى ئۇلارنىڭ تەربىيە ئېلىش ئىقتىدارى بويىچە، يېقىن ئەتراپتىكى ئادەتتىكى مەكتەپ، ئالاھىدە مائارىپ مەكتەپلىرىدە مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش، مەكتەپكە بېرىپ ئوقۇيالمايدىغانلىرىنى ئالدىغا بېرىپ ئوقۇتۇش ياكى يىراقتىن ئوقۇتۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق مەجبۇرىيەت مائارىپى بويىچە تەربىيەلەش؛ كەسپىي مائارىپ، يەسلى مائارىپنىڭ ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، مېيىپلارنىڭ مەجبۇرىي مائارىپتىن باشقا مائارىپ بويىچە تەربىيەلىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ پۇرسەت يارىتىش بەلگىلەندى.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر