باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى جۇڭگو پۇتبولچىلىق تەرەققىياتىدا ئۆزىنىڭ تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل-پاراسىتىگە تايىنىشى كېرەك، دېدى

2017.02.28 15:15         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 28- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىندا، بەزى چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرى يۇقىرى باھادا چەت ئەل پۇتبول كوماندىسىنى سېتىۋالماقچى بولۇۋاتىدۇ، دېگەن خەۋىرى توغرىسىدا، دۆلەت تەنتەربىيە باش ئىدارىسىنىڭ باياناتچىسى 27-فېۋرال ئېنىق ئىپادە بىلدۈرۈپ: جۇڭگو پۇتبول مەسىلىسىدە ئۆز تىرىشچانلىقى ۋە ئەقىل - پاراسىتىگە تايىنىپ ھەل قىلىشى كېرەك، باشقىلارغا تايانسا مەسىلە ھەل بولمايدۇ، دېدى.

  باياناتچى مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو پۇتبولنى بىخ ھالىتىدىن باشلاپ تۇتۇپ، ياشلار-ئۆسمۈرلەر پۇتبول پائالىيىتىنى زور كۈچ بىلەن قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك بىرلەشمە مۇسابىقە ۋە دۆلەت كوماندىسىنى قۇرۇش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەپ، ئۇدا كۈچ چىقىرىپ، ئۇزاققىچە تۆھپە قوشۇشى كېرەك. بىز، كارخانىلار ۋە ئىجتىمائىي كاپىتالنىڭ تەنتەربىيە كەسپى ۋە پۇتبول تەرەققىياتىغا كۆڭۈل بۆلۈشىنى ۋە قوللىشىنى قارشى ئالىمىز. بىراق بىز يەنە ئالاقىدار كارخانىلارنىڭ دۆلەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىنىڭ بەلگىلىمىسىگە رىئايە قىلىپ، ئاساسىي كەسىپ بولمىغان ۋە ئىدراكسىز ھالدا چەت ئەلگە قارىغۇلارچە كۆپ سوممىلىق مەبلەغ سېلىشنى قانات يايدۇرۇشتا يوشۇرۇن خەۋپ بولۇشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. بۇ خىل مەبلەغ سېلىش دۆلەت بەلگىلىگەن دائىرە ئىچىدە ئېلىپ بېرىلىشى، ئەتراپلىق ۋە پۇختا بولۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر