باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ 2017-يىللىق «جۇڭگو دانىيە ساياھەت يىلى» نىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا يازما تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى

2017.02.27 15:25         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  2017-يىللىق «جۇڭگو دانىيە ساياھەت يىلى» تۈنۈگۈن بېيجىڭدا ئېچىلدى. دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئېچىلىش مۇراسىمىغا تەبرىك سۆزى ئەۋەتتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: 2017-يىللىق «جۇڭگو دانىيە ساياھەت يىلى» ئېچىلغان پەيتتە، مەن جۇڭگو ھۆكۈمىتى ۋە جۇڭگو خەلقىگە ۋاكالىتەن ھەمدە ئۆز نامىمدا «جۇڭگو دانىيە ساياھەت يىلى» نىڭ باشلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئۇزۇندىن بۇيان، جۇڭگو دانىيە مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە جۇڭگو دانىيە خەلقنىڭ دوستلۇقى ئۈچۈن تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ كېلىۋاتقان دوستلارغا چىن كۆڭلۈمدىن رەھمەت ئېيتىمەن.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو بىلەن دانىيە نىڭ ئارىلىقى گەرچە يىراق بولسىمۇ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى ئۇزاق تارىخقا ئىگە. دانىيەنىڭ بالىلار چۆچىكى پىرى ئاندېرسون نۇرغۇن ئەسىرىدە جۇڭگونى تىلغا ئېلىپ، دانىيە ئاممىسىنىڭ جۇڭگوغا بولغان تەلپۈنۈشىنى ئىپادىلىگەن ئىدى. جۇڭگو خەلقىمۇ «بالىلار چۆچىكى دۆلىتى» دە گەۋدىلەنگەن ئۆزگىچە سېھرى كۈچكە ئىزچىل مەپتۇن بولۇپ كەلگەن ئىدى.

  شى جىنپىڭ ئىككى تەرەپنىڭ بىر بىرىدە ساياھەت يىلى ئۆتكۈزۈشنى پۇرسەت بىلىپ، جۇڭگو دانىيە خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، مەدەنىيەت ئالماشتۇرۇشى ۋە خادىملار ئالاقىسىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن دانىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك شېرىكلىك مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يېڭى ھاياتى كۈچ قوشۇشنى ئۈمىد قىلدى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر