باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

2017-يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى لوڭقىسى ياش-ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسى ئۆتكۈزۈلدى

2017.02.27 15:37         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 27-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2- ئاينىڭ 25– كۈنى، 2017- يىللىق شىنجاڭ يىپەك يولى لوڭقىسى ياش-ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسى شىنجاڭ يىپەك يولى خەلقئارالىق قار تېيىلىش مەيدانىدا ئۆتكۈزۈلدى .

  مۇسابىقىدە بايراق ئىشىكتىن ئۆتۈش شاللاش تۈزۈمى قوللىنىلغان بولۇپ، ئايرىم تاختا ۋە قوش تاختا گۇرۇپپىسى دەپ ئىككى گۇرۇپپىغا بۆلۈنگەن، شۇنىڭ بىلەن بىرگە، يېشى ۋە جىنسىغا ئاساسەن ئون ياشتىن تۆۋەن ئوغۇللار گۇرۇپپىسى، قىزلار گۇرۇپپىسى، 11 ياشتىن 14 ياشقىچە بولغان ئوغۇللار گۇرۇپىسى، قىزلار گۇرۇپپىسى،15 ياشتىن 17 ياشقىچە بولغان ئوغۇللار گۇرۇپىسى، قىزلار گۇرۇپپىسى قاتارلىق گۇرۇپپىلارغا بۆلۈنگەن. ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىن كەلگەن جەمئىي 130 نەچچە نەپەر ماھىر مۇسابىقىگە قاتناشقان بولۇپ، ئەڭ كىچىك ماھىرنىڭ يېشى ئاران تۆت ياش، ئەڭ چوڭى 17 ياش ئىكەن.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ نۆۋەتلىك شىنجاڭ يىپەك يولى لوڭقىسى ياش-ئۆسمۈرلەر قار تېيىلىش مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈشتىكى مەقسەت كەڭ ياش-ئۆسمۈرلەرنى قىشلىق قار ـ مۇز تەنتەربىيە بەدەن چېنىقتۇرۇش پائالىيىتىگە قاتناشتۇرۇش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، شىنجاڭنىڭ قارـ مۇز تەنھەرىكىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن ئىختىساسلىقلار ئامبىرى بەرپا قىلىش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر