باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭنىڭ ئىلمە توقۇلما بۇيۇملىرى تېز بازار تاپتى

2017.02.27 15:24         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  شىنجاڭدا بىر توپ ياش لايىھەلىگۈچىلەر بار، ئۇلار قولى گۈل ئۇستىلار، شىنجاڭنىڭ ئەنئەنىۋى ئامىلىغا مودا تۈسى قوشۇپ، تۈرلۈك ھۈنەر سەنئەت بۇيۇملىرىنى ئىشلەپچىقىرىپ، ھەرقايسى جايلارغا ساتتى، چەتئەلگە ئۆزگىچە يېڭى شىنجاڭ مەدەنىيىتىنى تارقاتتى.

  شىنجاڭ پېداگوگىكا ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ ھۈنەر سەنئەت گۈزەل سەنئەت كەسپىنى پۈتتۈرگەن جاڭ گۇجىڭ بىر لايىھەلىگۈچى. چاغان كېچىسى ئۇ لايىھەلىگەن بىر ئاسما سومكا "تەڭرى تېغى مۇھەببىتى" نامىلىق ئېتۇت ئارقىلىق توردا تېزدىن بازار تاپتى.

  بۇ سومكىنى جاڭ گوجىڭ 2016-يىلى يازدا لايىھەلەپ ئىشلىگەن، بۇنىڭغا شىنجاڭنىڭ بادام گۈلى ئامىلى ئىشلىتىلگەن، سۈرەتنى ئۆزگەرتىش ئارقىلىق بادام گۈلى تېخىمۇ بېيىتىلغان.

  چاغاندىن كېيىن، بۇ سومكىنىڭ سېتىلىش مىقدارى داۋاملىق ئاشتى.

  جاڭ گوجىڭ ئاسما سومكىنىڭ بازار تاپقانلىقى ھەققىدە مۇنداق دېدى: مىليونلىغان تاماشىبىن دىققەت قىلىدىغان سەھنىدە كۆپچىلىكنىڭ مۇشۇنداق بىر كىچىك سومكىغا يەنى شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە ئامىلى سىڭدۈرۈلگەن ئاسما سومكىغا دىققەت قىلغانلىقى مېنى ناھايىتى ئىپتىخارلاندۇردى.

  ئۇنىڭ ئىشخانىسىدا، يۈز نەچچە تۈرلۈك مۇشۇنداق سومكا بار، ئۈستىگە قاناس مەنزىرىسى، چېپىۋاتقان ئارغىماق، ئانار گۈلى، ئۇيغۇرلارنىڭ بىناكارلىق ئاممىللىرى چۈشۈرۈلگەن، ھازىر بۇ خىل ئەتلەس سومكا، ئىلمە توقۇلما سومكا قاتارلىق مەھسۇلاتلار بېيجىڭ، گۇاڭجۇ، شاڭخەي، شياڭگاڭ، تەيۋەن قاتارلىق جايلاردا سېتىلىۋاتىدۇ.

  ئاسما سومكىدىن باشقا، يەنە بەزى كىشىلەر ئۇيغۇرلارنىڭ ئەتلىسىگە قەدىمىي سۈرەتلەرنى چۈشۈرۈپ قايتا ئىجاد قىلىۋاتىدۇ، بۇلارنى يەنە زىننەت بۇيۇملىرىغا كىرگۈزدى. ئابدۇرېشىت ئابدۇرېھىم مانا مۇشۇنداق كىشىلەرنىڭ بىرى.

  ئۇ مۇخبىرغا ئۆزى لايىھەلىگەن ئۈزۈكنى كۆرسەتتى، ئۇ ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەندىن كېيىن ئۆز ماركىسىنى ياراتتى، ئەتلەس ئامىلىنى شىنجاڭنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىگە سىڭدۈردى، پارپۇر بۇيۇملار، كۈنلۈك، سومكا، ياستۇق قاتارلىق چەكلىك مىقداردا ئىشلەپچىقىرىلىدىغان تۈرلۈك مەھسۇلاتلار ناھايىتى تېزلا سېتىپ بولۇندى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر