باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

ۋاڭ چىشەن: سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك

2017.02.23 14:31         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز كۆزىتىش خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ۋاڭ چىشەن 22-فېۋرال ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتىنىڭ 12-نۆۋەتلىك كۆزىتىش خىزمىتىگە سەپەرۋەرلىك قىلىش، ئورۇنلاشتۇرۇش يىغىنىغا قاتناشتى. يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ كۆزىتىش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنى يەتكۈزدى. ۋاڭ چىشەن مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كۆزىتىشتە بايرىقى روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، ج ك پ 18-نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 6-ئومۇمىي يىغىنىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بايقاشقا ماھىر بولۇپ، كۆزىتىش خىزمىتىنىڭ چوڭقۇر تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: كۆزىتىش خىزمىتىدە سىياسىي مەيدان ۋە سىياسىي ئاڭنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پارتىيەنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزىنى قوغداش ـــ مۇھىم سىياسىي پىرىنسىپ. كۆزىتىش خىزمىتىدە كۆزىتىلىدىغان پارتكوم، پارتگۇرۇپپىسىنىڭ «تۆت ئاڭ»نى پۇختا تىكلىگەن-تىكلىمىگەنلىكىنى نۇقتىلىق تەكشۈرۈپ، باشتىن-ئاخىر مەركەزنىڭ سىياسىي، ئومۇمىيىتىنى ئويلىشىپ، پارتىيەنىڭ لۇشيەن، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ نوپۇزى ۋە مەركەزلىك بىر تۇتاش رەھبەرلىكىنى قوغداش كېرەك. «تۆت ئاڭ»نى تۇرغۇزۇش ھەرىكەتچان ھالەت، كۆزىتىلىدىغان پارتىيە تەشكىلاتىنىڭ «ئىككىنى ئۆگىنىش، بىر بولۇش»نى دائىملىق تۈزۈملەشتۈرۈشىنى كۆزىتىش، ھەيدەكچىلىك قىلىش ئارقىلىق، بىر قاتار مۇھىم سۆزلەرگە ئەگىشىپ دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، سىياسىي ۋە ئومۇمىيەت جەھەتتىكى پەرقنى ئۈزلۈكسىز تېپىپ چىقىپ، يادرولۇق سەپكە ھەقىقىي توغرىلىنىش؛ تەشكىلىي ئىنتىزامنى چىڭىتىپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش ئەھۋالىنى تەكشۈرۈپ، پارتىيە ئەزالىرى، رەھبىرىي كادىرلارنىڭ ئىدىيە ۋە ھەرىكەتتە باشتىن-ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىلەن يۈكسەك بىردەكلىكنى ساقلىشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر