باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى

2017.02.24 14:03         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 24-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭ 22-فېۋرال گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنىنى ئاچتى، يىغىندا، بىر يىلدىن بۇيانقى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنىڭ ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، بۇ يىللىق نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنىڭ نۇقتىلىق خىزمەتلىرىنى پۇختا، ياخشى ئىشلەش تەلەپ قىلىندى؛ H7N9 يۇقۇمىنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلۈپ، ئاممىنىڭ ساغلاملىق بىخەتەرلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش تەلەپ قىلىندى؛ ئىجتىمائىي ساھەلەرنىڭ مەبلەغ سېلىشنى باشقۇرۇشىنى كەڭ قويۇۋېتىپ، كەمتۈكلۈكنى تولۇقلاپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش ھاياتىي كۈچىنى يەنىمۇ ئۇرغۇتۇش ئورۇنلاشتۇرۇلدى؛ تور سۈرئىتىنى تېزلىتىپ، ھەقنى تۆۋەنلىتىش سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، ئىگىلىك تىكلەش، يېڭىلىق يارىتىش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىپ، كەسىپلەرنىڭ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش تەلەپ قىلىندى؛ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئۆلچەملەشتۈرۈش قانۇنى(تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن لايىھەسى)» ماقۇللاندى.

  يىغىندا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش جېڭىنى قايتىدىن ئورۇنلاشتۇردى. بۇلتۇردىن بۇيان، جايلار، تارماقلار نامراتلارنى دەل جايىدا يۆلەش، دەل جايىدا نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇشنى چۆرىدەپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىپ، بىرلىشىپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، يىللىق نىشان-ۋەزىپىلەرنى تاماملاپ، نامرات ئاھالىلەرنىڭ تۇرمۇشى ئۈزلۈكسىز ياخشىلاندى. بۇ يىللىق خىزمەتلەرنى ئىشلىگەندە، بىرىنچى، قىيىنچىلىقى ئېغىر تۇتاش رايونلار، ئىنقىلابىي كونا رايونلار، ئاز سانلىق مىللەتلەر رايونى، چېگرا رايونلارغا ئۇل ئەسلىھە ۋە ئاساسىي جامائەت مۇلازىمىتى بويىچە مايىللىشىپ ياردەم بېرىش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، نامراتلارنى كۆچۈرۈپ يۆلەش ۋە قاتناش، مائارىپ، ساغلاملىق ئارقىلىق يۆلەش قاتارلىق ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق نامرات ئائىلىلەرنىڭ خەتەرلىك ئۆيلىرىنى ئۆزگەرتىشكە ياردەم بېرىپ، كېسەل سەۋەبىدىن نامراتلىشىش، قايتا نامراتلىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش كېرەك. ئىككىنچى، يۆتكىمە چىقىم قاتارلىق مالىيە سېلىنمىسىنى ئاشۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىگە چېتىلىدىغان مالىيە مەبلىغىنى بىر تۇتاش پىلانلاپ بىرىكتۈرۈپ ئىشلىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى بارلىق نامرات ناھىيەلەرگىچە ئومۇملاشتۇرۇپ، مەبلەغدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش كېرەك. ئۈچىنچى، كەسىپلەر بويىچە نامراتلارنى يۆلەشنى ئۈنۈملۈك يولغا قويۇپ، نامرات يېزىلارنى ئۆستۈرۈش قۇرۇلۇشىنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزگىچە كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ نۇقتىلىق قۇرۇلۇشى، يېزا ئىگىلىكىنى كەسىپلەشتۈرۈش تۈرىنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلار، ھەر قايسى ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلار ۋە يۇرتىغا قايتقان خادىملارنىڭ نامرات رايونلاردا ئىگىلىك تىكلىشىگە مەدەت بېرىپ، نامراتلارنى يۆلەش كۈچىنى زورايتىش كېرەك. تۆتىنچى، تەكشۈرۈش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئارخىپ تۇرغۇزۇپ، كارتا تارقىتىش، تۈر مەبلىغى قاتارلىقلارنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ساختىپەزلىك قىلغان، ئىگىلىۋېلىپ ئىشلىتىۋالغانلارنىڭ جاۋابكارلىقىنى قاتتىق سۈرۈشتۈرۈش كېرەك. تارماقلار، دۆلەت كارخانىسى، نىشانلىق ياردەم بېرىدىغان جايلار ۋە ئىجتىمائىي كۈچلەرنىڭ ياردەم بېرىش سالمىقىنى زورايتىپ، نامراتلارنى نۇقتىدا يۆلەش مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، نامرات ئاممىنىڭ تىرىشىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى قوزغاش كېرەك.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر