باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ساياھەت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مەملىكەتلىك سۇپىسى بۇ يىل يولغا قويۇلىدۇ

ئۇ سىستېما تۆۋەن باھالىق ئېلېكتىرونلۇق توختامغا ئىمزا قويغاندا ئالدىن سىگنال بېرىدۇ

2017.02.23 17:26         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ شياۋفېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئېلىمىز بۇ يىل ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مەملىكەتلىك سۇپىسىنى بەرپا قىلىپ، ئىجتىمائىي كۈچلەرنى ساياھەتچىلىك بازىرىنى نازارەت قىلىشىغا قاتناشتۇرۇشقا قوزغايدىكەن.

  تونۇشتۇرۇشىچە، ساياھەت جامائەت مۇلازىمىتىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنىڭ مەملىكەتلىك سۇپىسى، «ئادەم ئادەمنى نازارەت قىلىش» تەك نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ساياھەتچىلەرنى ئەرز قىلىش ۋە باھالاشتىكى ئىككى خىل «قورال» بىلەن تەمىنلەيدىكەن؛ «زەربىدارلىق ئۇسلۇبى»دىكى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىپ، ئېلېكتىرونلۇق توختام ۋە ئېلېكتىرونلۇق مۇساپە تالونى قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلار بىلەن نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش ئۇسۇلىنى قوللانغاندا، تۆۋەن باھالىق ئېلېكتىرونلۇق توختام ئىمزالىسىلا، ئاگاھلاندۇرۇپ ئەسكەرتىپ تۇرىدىكەن.

  ۋاڭ شياۋفېڭ تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: بۇلتۇر ئىلىمىزدىكى مۇناسىۋەتلىك ئورگانللار ساياھەت بازىرى تەرتىپىنى تۈزەش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، پۈتۈن بىر يىل ئىچىدە قانۇنغا ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدىكى دېلولاردىن 1324 دېلونى تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان، 819 ساياھەت كوپىراتىپىغا مەمۇرىي جازا بېرىلگەن، مەمۇرىي دېلولاردىن قويۇلغان جەرىمانە 13 مىليون 240 مىڭغا يەتكەن بولۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىنغان دېلولار ۋە قويۇلغان جەرىمانە سانى جەھەتتە يېڭى رېكورت يارىتىلغان. 2016 - يىلى مەملىكەت بويىچە ساياھەتچىلەرنىڭ 18مىڭ 945 ئەرزىسىنى تاپشۇرۇۋالغان، قانۇندا بەلگىلەنگەن مۇددەت ئىچىدە دېلو ئاخىرلاشتۇرۇش نىسبىتى %99.4گە يەتكەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تۆت پىرسەنت ئۆسكەن، دېلو ئاياغلاشقان ۋاقتىمۇ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن تۆۋەنلىگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

ئالاقىدار خەۋەرلەر