باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

ئاپتونوم رايونىمىز 2017-يىلى 100 مىليون (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋالىدۇ

2017.02.23 16:12         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 23-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: (شىنجاڭ ئىقتىساد گېزىتى مۇخبىرى دىلشاد غوجائەھمەد خەۋىرى) 23-فېۋرال، مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، ئاپتونوم رايون دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ بۇ يىلنى يەنە «يىپەك يولى ساياھەت يىلى» قىلغانلىقىدەك پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ساياھەتچىلىك كەسپىدە 100 مىليون (قېتىم) ساياھەتچىنى كۈتۈۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «يىپەك يولى» ئۆزگىچە ساياھەتچىلىكى، ساياھەتچىلەر بايلىقى مەنبەسىدە قوش ئۈنۈم يارىتىپ، شىنجاڭ ساياھەتچىلىكىدە يېڭى بىر پەللىنى يارىتىدىكەن.

  بۇ يىل يەنە بەش ئا دەرىجىلىك يۇلتۇزلۇق سەيلىگاھ قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ چىڭ تۇتۇپ، سەيلىگاھلارنىڭ نوپۇزى ۋە تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ يېڭى ئوبرازىنى يارىتىپ، ئۆزگىچە، داڭلىق ساياھەت ماركىسىنى يارىتىپ، دۆلەت ئىچى - سىرتىغا «شىنجاڭ ياخشى ماكان» نامىنى تارىتىدىكەن. نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىزدا بەش ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھتىن بىڭتۈەنگە قاراشلىق بەش ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھلارنى قوشقاندا 12گە يەتكەن. بۇ يىل قارامايدىكى شەيتانكەرىش سەيلىگاھى دۆلەت ساياھەت ئىدارىسىنىڭ تەكشۈرۈپ باھالىشىدىكى ھالقىلىق باسقۇچقا كىرگەن؛ جانبۇلاق، شوتا، سايرام كۆلى، لوپنۇرلۇقلار كەنتى، كۆلدىلەڭ سەيلىگاھى قاتارلىق 16 سەيلىگاھ دۆلەتلىك بەش ئا دەرىجىلىك سەيلىگاھ بولۇش خىزمىتىگە ئاتلانغان.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست ئاساس قىلىنىپ، ساياھەتچىلىك كەسىپ ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش ئۈچۈن، ئاز سانلىق مىللەتتىن بولغان ساياھەتچىلىك خىزمىتى خادىمىدىن 100ى نۇقتىلىق تەربىيەلىنىپ، بىر تۇتاش ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇلىدىكەن. يەنە ساياھەتچىلىك مەھسۇلاتلىرىنى تەتقىق قىلىپ ياساش، ئىشلەپچىقىرىش، سېتىش يوللىرىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن 10 تەتقىقات مەركىزى، 10 ئىشلەپچىقىرىش بازىسى، 10 سېتىش رايونى قۇرۇلۇپ، ياساش ماھىرىدىن 100ى يېتىشتۈرۈلىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر