باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>شىنجاڭ خەۋەرلىرى

شىنجاڭ ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ساياھەت كەسپىدە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرىدىغان «بىۋاسىتە لىنىيە» تەسىس قىلىندى

شىنجاڭنىڭ 2017- يىلىدىكى «100 ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ساياھەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» تەربىيەلەش باسقۇچىغا كىردى

2017.02.22 16:44         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 22-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 21- فېۋرال مۇخبىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ساياھەت ئىدارىسى ساياھەت تەربىيەلەش مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، 2017-يىلىدىكى «100 ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى ساياھەت كەسپى بويىچە تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش ھەرىكىتى» (تۆۋەندە 100 كىشى قۇرۇلۇشى دەپ ئاتىلىدۇ) نۆۋەتتە قەشقەر، خوتەن، ئاقسۇ، قىزىلسۇ قاتارلىق ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستتا قىزىق قانات يايدۇرۇلغان.

  بۇ قۇرۇلۇش 3-يانۋار رەسمىي باشلانغان بولۇپ، بەش ئاي ئىچىدە تۆت باسقۇچقا بۆلۈپ ئىشلىنىپ، 100 ئاز سانلىق مىللەت ياشلىرىنى قوبۇل قىلىش، يۈز تۇرانە ئىمتىھان ئېلىش، تەربىيەلەش، باھالاش ۋە ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش قاتارلىق خىزمەتلىرى تاماملىنىدۇ.

  ئىگىلەشكە قارىغاندا، «100 كىشى قۇرۇلۇشى» بولسا «شىنجاڭنىڭ ساياھىتى بىلەن 10 مىڭ ئادەمنى تەربىيەلەپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش»دىكى تۇنجى تۈركۈم «تەربىيەلەش + ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇش» قۇرۇلۇشى ئىكەن، ياردەم قىلىدىغان ئاساسلىق نىشان ئوبيېكتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاستنىڭ ئېشىنچا ئەمگەك كۈچلىرى بولۇپ، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇنلارنىڭ ساياھەت كەسپىي مەكتەپلىرىگە تەربىيەلەپ بېرىشنى ۋە ئۇلارنىڭ كەسىپ ماھارىتى ئىقتىدارىنى يۇقىرى كۆتۈرۈشىنى ھاۋالە قىلىشى بىلەن يولغا قويۇلغان ئىكەن. كۇرسانتلارنىڭ ئاساسلىق خىزمەتكە چىقىش ئوبيېكتى شىنجاڭدىكى ساياھەت شىركەتلىرى بولۇپ، خىزمەت قىلىدىغان ئورنى ساياھەت مەنزىرىلىك رايونلىرى ۋە مېھمانخانىلار بولىدىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مۇستافا

ئالاقىدار خەۋەرلەر