باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>مۇھىم خەۋەرلەر

شى جىنپىڭ: ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى ۋەزىيەتتىكى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى يارىتايلى

لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ يىغىنغا قاتناشتى

2017.02.20 16:02         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 20-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ 17-فېۋرال چۈشتىن بۇرۇن بېيجىڭدا دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى ھەم مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنداق تەكىتلىدى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى توغرا ئىگىلەپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ بىخەتەرلىكىنى ئاساسىي مەقسەت قىلىپ، جۇڭگوچە دۆلەت خەۋپسىزلىكى يولىدا مېڭىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتى يېڭى ۋەزىيىتىنى تىرىشىپ يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى مۇستەھكەم خەۋپسىزلىك كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېت سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى.شى جىنپىڭ سۆھبەت يىغىنىدا ئاۋۋال مۇنداق دېدى: بۇ قېتىمقى سۆھبەت يىغىنىنى ئېچىشتا كۆپچىلىكنىڭ تەكلىپ-پىكىرلىرىنى ئاڭلاش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋەزىيىتىنى تەھلىل قىلىش، ھازىرقى ۋە بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىللىك دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى مۇھاكىمە قىلىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇش مەقسەت قىلىنغان.

  شى جىنپىڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: پارتىيە 18-قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، مەركەز دۆلەت خەۋپسىزلىكى كومىتېتى قۇرۇپ، ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئىستراتېگىيەلىك فاڭجېنى ۋە ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان ساھە ناھايىتى كەڭ، ئۇنىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت خىزمىتى ئومۇمىيىتىدىكى مۇھىملىقى كۈندىن-كۈنگە گەۋدىلەنمەكتە. بىز يېڭى تارىخىي ئالاھىدىلىككە ئىگە نۇرغۇن ئۇلۇغ كۈرەش، پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇش، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەريانىدا ھەر ۋاقىت تۈرلۈك خەۋپ-خەتەر، سىناق ۋە مۇھىم خىرىسلارغا دۇچ كېلىۋاتىمىز. بۇ ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىگە يېڭى تېمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى، ھەم دۆلەت خەۋپسىزلىكى خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنى يېڭى پۇرسەت بىلەن تەمىنلىدى. دۆلەت خەۋپسىزلىكى تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، خەلقنىڭ مەنپەئىتىگە كاپالەتلىك قىلىپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىدە ھەممە ئىشتا خەلققە مۇلازىمەت قىلىش، ھەممە ئىشتا خەلققە تايىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئاممىنىڭ خاتىرجەم تىرىكچىلىك قىلىشىنى كۈچلۈك كاپالەتكە ئىگە قىلىش دېگەنلىكتۇر.

  شىنجاڭ گېزىتى تەرجىمىسى

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت

${KEYWORD}

ئالاقىدار خەۋەرلەر