باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

PWC بوغالتىرلىق ئورنى، بىر بەلباغ بىر يول لىنىيەسىدىكى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە ئۆتكەن يىلى سېلىنغان مەبلەغ 500 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەنلىكىنى بىلدۈردى

2017.02.17 13:53         مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  PWC بوغالتىرلىق ئورنى 15-فېۋرال شياڭگاڭدا ئېلان قىلغان بىر دوكلاتىدىن ئايان بولۇشىچە: 2016- يىلى بىر بەلباغ بىر يول ياقىسىدىكى 66 دۆلەت ۋە رايوننىڭ مەركىزى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىگە سېلىنغان مەبلەغ ئومۇمي سوممىسى 493 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە جۇڭگونىڭ تۈرگە سالغان مەبلىغى ئۈچتىن بىر قىسىمنى ئىگىلىگەن.

  دوكلاتىدا مۇنداق دەپ كۆرسىتىلدى: ئۆتكەن يىلى بىر بەلباغ بىر يولنىڭ ئاممىۋى ئىشلار، قاتناش، خەۋەرلىشىش،جەمئىيەت، قۇرۇلۇش، ئېنېرگىيە ۋە مۇھىت قاتارلىق يەتتە تۈرگە چېتىلىدىغان ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى ساھەسىدىكى تۈرلەرنىڭ ئومۇمي مىقدارى ۋە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سېلىنغان مەبلىغى بىر ئاز ئاشقان، بولۇپمۇ جۇڭگودا تۈرلەرنىڭ ئوتتۇرا ھېساب بىلەن سودىلىشىش كۆلىمى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %14 ئاشقان بولۇپ، ئاساسلىقى ھۆكۈمەت ۋە ئاممىۋى تارماقلار ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىدىن بولغان.

  PWC بوغالتىرلىق ئورنىنىڭ ھەمكارلىق شېرىكى سىمون بۇك مۇنداق دېدى: بىر بەلباغ بىر يول تەشەببۇسى 2013- يىلى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن بۇيان، رايون ئىچىدىكى تۈرلەرگە سېلىنغان مەبلەغ ئىزچىل تۈردە ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلاپ ، يىللىق ئېشىش مىقدارى%33گە يەتتى، ھەمدە بۇ ۋەزىيەت يەنە داۋاملىشىدۇ.

  بۇك مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: يېڭى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى تۈرىگە دىققەت قىلىنغانلىقتىن، بىر بەلباغ بىر يول ياقىسىدىكى دۆلەتلەر ۋە رايونلارنىڭ ئۆتكەن يىلدىكى ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن %4.6 ئېشىپ، بازىرى يېڭىدىن گۈللىنىۋاتقان ئىقتىسادى گەۋدىلەرنىڭ %3.6 لىك ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئېشىش سۈرئىتىدىن ئېشىپ كەتتى.


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر