باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
  • مۇھىم
  • مەملىكەت
  • شىنجاڭ
  • خەلقئارا

ئەڭ يېڭى سۈرەتلەر





ئالبوم









خەلق تورى>>خەلقئارا خەۋەرلەر

تويغا قاتناشقۇچىلار سانىغا چەك قويۇلۇپ، «نامراتلارنى يۆلەش بېجى» ئېلىنىدۇ

ھىندىستاندا ھەشەمەتلىك توي مۇراسىملىرى ئىسلاھ قىلىنماقچى

2017.02.17 16:21         مەنبە: خەلق تورى

پرىنتېرلاش خەت چوڭ-كىچىكلىكى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17-فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ھىندىستاننىڭ توي مۇراسىملىرى ئاۋات، ھەشەمەتلىك، مېھمانلارنىڭ كۆپلۈكى بىلەن داڭلىق. لېكىن بىر قىسىم بايلار ۋە ئەمەلدارلارنىڭ پەرزەنتلىرى ئۈچۈن ئۆتكۈزگەن توي مۇراسىملىرى بەك ھەشەمەتلىك بولغانلىقتىن، خەلقنىڭ نارازىلىقىنى قوزغىدى. بىر فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى ئوتتۇرىغا قويغان قانۇن لايىھەسىدە، توي مۇراسىمىنىڭ ئۆلچىمىگە چەكلىمە قويۇش، ئادەم سانىنى ئازايتىپ، قورۇمىلارغا چەك قويۇپلا قالماي، يەنە بەلگىلىك ئۆلچەمدىن ئېشىپ كەتكەن ھەشەمەتلىك توي مۇراسىملىرىدىن «نامراتلارنى يۆلەش بېجى» ئېلىش ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  «ھىندىستان ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 15-فېۋرال خەۋەر قىلىشىچە، فېدېراتسىيە پارلامېنت ئەزاسى لەنجىت بۇلتۇر ئوتتۇرىغا قويغان توي مۇراسىمى (مەجبۇرىي تىزىملاش ۋە ئىسراپچىلىقنى تۈگىتىش) قانۇن لايىھەسىنى خەلق مەھكىمىسى يەنى پارلامېنت تۆۋەن پالاتاسى بىر تەرەپ قىلىشقا قوبۇل قىلغان. بۇ قانۇن لايىھەسى كۈچكە ئىگە بولغان ھامان، توي زىياپىتىدىكى مېھمانلار سانى ۋە تائاملارنىڭ ھەممىسىگە چەكلىمە قويۇلىدىكەن. توي چىقىمىنى 500 مىڭ رۇپىيە (تەخمىنەن 50 مىڭ يۈەن خەلق پۇلى)دىن ئاشۇرۇۋەتكەن ھەرقانداق ئائىلە كونكرېت سوممىنى ئالدىن ھۆكۈمەتكە ئۇقتۇرۇشى ھەمدە چىقىمنىڭ %10نى ھۆكۈمەت قۇرغان پاراۋانلىق فوندى جەمئىيىتىگە تاپشۇرۇشى كېرەك ئىكەن. بۇ پۇل نامرات ئائىلىنىڭ قىزلىرىنىڭ توي مۇراسىمىغا ئىشلىتىلىدىكەن.

  بۇنىڭدىن سىرت، بارلىق توي مۇراسىملىرى ئۆتكۈزۈلۈشتىن بۇرۇنقى 60 كۈن ئىچىدە تىزىملاپ رويخەتكە ئېلىنىشى كېرەك. لەنجىت ھىندىستان مەتبۇئات تىرىستىنىڭ مۇخبىرىغا، ھازىرقى توي مۇراسىملىرىنىڭ ئۆرپ-ئادەت بىلەن مۇناسىۋەتسىزلىكىنى، «بايلىقنى كۆز-كۆز قىلىپ»، نامرات ئائىلىلەرگە غايەت زور ئىجتىمائىي بېسىم قىلىۋاتقانلىقىنى ئېيتتى. ئۇنىڭ قارىشىچە، بۇ قانۇن لايىھەسىنىڭ مەقسىتى ئىسراپچىلىقنى توسۇپ، توي مۇراسىملىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈشكە ئىلھام بېرىش ئىكەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى


ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ

خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان

ئالاقىدار خەۋەرلەر