سۈرەتتە: 15- فېۋرال، كېنىيەنىڭ بىر باشلانغۇچ مەكتىپىدە، بالىلار چۈشلۈك تاماقتىن كېيىن ئۆچرەتتە تۇرۇپ قازان-قومۇچلارنى يۇماقتا.
خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 17- فېۋرال بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: كېنىيە دۆلەت ئاپەتنى تىزگىنلەش ئورگىنى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا مۇنداق دېيىلگەن: ئۇدا داۋاملىشىۋاتقان قۇرغاقچىلىقنىڭ تەسىرىدە، نۆۋەتتە كېنىيەنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدا تەخمىنەن ئىككى مىليون 700 مىڭ ئادەم ئاشلىققا جىددىي موھتاج ئىكەن. دوكلاتتا يەنە مۇنداق دېيىلگەن: ئاشلىق بىخەتەرلىكى ئەھۋالى كېنىيەنىڭ پۈتكۈل مەملىكەت مىقياسىدىكى كۆپلىگەن ۋىلايەتلىرىدە يەنىلا داۋاملىق يامانلاشتى، بولۇپمۇ كېنىيەنىڭ شىمالىي قىسمىدىكى توققۇز ۋىلايەتتە بۇ ئەھۋال تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: موللانىياز تۇنىياز
مەنبە: خەلق تورى